Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋەلى
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەۋلىيا، ئەزىز؛ ئىگە، ساھىب:
ۋەلى - غوجا دەپ قىلدىلەر ئىھتىيات،
كى ئىخلاس قىلىپ ئەيلەدى ئىنقىيات.
موللا بىلال.
لۇتقۇڭ خەفى سۇنئۇڭ جەلى ئىزەدەپ تاپالماس ھەردىلى،
سەن لامەكان سەن يا ۋەلى يۈرگەي ھەمە سالىپ سوراغ.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قوغدىغۇچى، نازارەت قىلغۇچى، مەسئۇل بولغۇچى، باشقۇرغۇچى؛ دوست؛ ئەۋلىيا؛ ئىگە، خوجا؛ ۋارىس؛ تەخت ۋارىسى؛ ۋەلىئۇل ئەمر - ھۆكۈمران، پادىشاھ؛ ۋەلى ئاللا - ئاللانىڭ دوستى؛ ۋەلى نېمەت - نېمەت ئىگىسى، باققۇچى، خوجايىن.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
لېكىن، ئەمما، بىراق.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ ئەسلىي مەنسى «دوست» دېگەنلىك بولۇپ، «ئاللانىڭ دوستى» قىسقارتىلىپ شۇنداق دېيىلگەن. بۇ سۆز «قۇرئان كەرىم» دىكى ئايەتتىن قوبۇل قىلىنغان. ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن : «راستىنلا ئاللانىڭ دوستلىرىغا (ئاخىرەتتە ئاللانىڭ ئازابىدىن) قورقۇش، (دۇنيادا قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانغا) قايغۇرۇش يوقتۇر» (10 - سۈرىنىڭ 62 - ئايىتى). بەزىلەر قۇتىبلارنىڭ ۋەلىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا ئاللاغا ئەڭ يېقىن تۇرىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئادەتتە سۇفىيە پىرقىسى، بەزى مەزھەپ ياكى ئىلمىي ئېقىملارنىڭ داھىيلىرى، مەشھۇر ئىسلام ئۆلىمالىرى، جىھادتا قۇربان بولغانلار، شېھىتلەر، تەقۋادار زاھىدلار شۇ نام بىلەن ھۆرمەتلىنىدۇ. شەھەرلەر، يېزىلار ۋە كەسىپلەردىمۇ ئۆز رايونى، ئۆز كەسپىي بويىچە ۋەلىلىق نامى بېرىلىدىغانلار بولىدۇ. بەزىلەر ھايات ۋاقتىدا ياكى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ۋەلى، دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېتىقادچىلىرى ئۇلارغا ئاتاپ گۈمبەز ياكى قەبرىگاھ سېلىپ، تەدرىجىي ۋەلى بولۇپ ئۆزگىرىدۇ. ئۇلۇغلارن قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىش ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمالىدا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەۋج ئالغان. لېكىن ۋەھھابىلار بۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ۋېلى
ئاسرىغۇچى، غەمخور، دوست، خوجا، ئىگە، ئىگىدار، بويسۇندۇرغۇچى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
ئۇلۇغ كىشى؛ ئەۋلىيا، كامىل ئىنسان.