Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋەيرانە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
خارابە، بۇزۇلغان جاي، يىقىلغان بىنا، تاشلاندۇق ماكان، ئۆي.
جەبىر تارتقان، ئازاب چەككەن، جاراھەتلەنگەن كۆڭۈل:
فەقر دەردىگە چۇنان سەبر ئەيلەگىل،
پادىشاھ ۋەيرانەدىن ئالماس خىراج.
شەۋقى.
خەستە كۆڭلۈمگە نۇزۇل ئەتسەڭ خىرام ئەيلەپ نېتاڭ،
نەڭ ئەمەس خۇرشىدغە تۈشمەك ئەگەر ۋەيرانەدۇر.
ئەرشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
سۈپ. بۇزۇلغان، ۋەيران بولغان، ۋەيران.
مۈشۈك تاملىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، ۋەيرانە بىر ئۆينىڭ ئالدىدا توختاپتۇ.
سۈپ. پەرىشان، روھىي چۈشكۈن.
نەزەر ئۆيگە كېلىپ، قوشنىلىرىدىن بولغان ئەھۋالنى ئاڭلاپ داد - پەرياد سېلىپ، ۋەيرانە بولۇپ تۇرغانىكەن.
سۈپ. رەتسىز، چېچىلاڭغۇ، قالايمىقان.
ۋەيرانە ئادەم.
ئۇ ئىلگىرىدىن ۋەيرانە يۈرىدىغان بىر نېمە.
ئى. ۋەيران بولغان، بۇزۇلغان، خارابلىققا ئايلانغان جاي.
پادىشاھ ئۇنى بىللە ئوۋغا ئاچىقىپتۇ، يولدا ئۇلارغا بىر ۋەيرانىدا سايراپ تۇرغان ھۇۋقۇش ئۇچراپتۇ.