Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋەيران
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
خاراب، ۋەيران؛ بۇزۇق:
مەنزىل:
راھەتسىز؛ تىنىچسىز؛ قىيىنىلىش؛ يامان كەيپىيات، غەمكىنلىك:
سەيد بىپەرۋا يۈرۈر گەر شەھبازى بولماسا،
مەملىكەت ۋەيران بولۇر شەھىنىڭ ئەيازى بولماسا.
زەلىلى.
2. ئۇرۇپ گام ئاندا گورىستانغەچە،
چېكىپ ئاھ، يەتكۈنچە ۋەيرانغەچە.
ئا. نىزارى.
3. بارە تەشۋىشى زەمانە چۇغز بىلكىم ئاشيان،
قىلماس ئېردى گەر بۇ كۆڭلۈم ئۆي ۋەيران بولماسا.
ئەرشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بۇزۇلۇپ _ چېچىلىپ تۈگىمەك، چۈشكۈن، ھالى قىس.
قولۇڭدا خاراب بولمىسا ياۋ ئەگەر، ئۇنى سۇغا چۆكۈرسۇن ئىلمىي ھۈنەر. ئويلىمىغاننىڭ تەكتى ۋەيران، ئىككى خوتۇنلۇقنىڭ ئۆيى ۋەيران. مەن ئىشەنگەچكە كىشلەرگە، سۆزلەرگە ئىشەنچ تىلەپ ئادا بولدۇم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
پۈتۈنلەي بۇزۇلغان، خارابىغا ئايلانغان.
- ئەگەر بۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلمىساق، پۈتۈن تەختىمىز ۋەيران، ئۆزىمىز سەرسان بولۇپ كېتىمىز، - دەپتۇ ۋەزىرلەر.
كۆچمە. خاراب، ئېچىنىشلىق، ئازابلانغان.
قاراپ كۆردىكى ھالى بەكمۇ ۋەيران، پۈتۈنلەي قۇم، توپا - چاڭغا مىلەنگەن.