Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋەھشىي
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ۋەھشىي، ياۋايى، يىرتقۇچ:
جاھىل، نادان، نادان ئادەم.
1. قىلىپ قانى تاغ دامەنىن لالەزار،
ھەمە ۋەھشىيلەر يىغلادى زار - زار.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قولغا كۆندۈرۈلمىگەن، يىرتقۇچ؛ كۆچمە؛ ئىنسانىي پەزىلىتى يوق.
پىتنە - پاسات ۋەھشىي قوشۇننىڭ ئۆزى. ياۋا موگۇ تېز ئۆسەر. ياۋايى ھايۋاندىن پەخەس بول، ياۋايى ھايۋان تەبىئەتلىك<ئىنسان> دىن تېخىمۇ پەخەس بول.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەڭ يامان، قەبىھ، ھايۋان تەبىئەيلىك.
ئاچلىق _ ئەشەددىي دۈشمەن. چاشقاننىڭ نەزىرىدە مۈشۈكتىن مۇدھىش نەرسە يوق. ياماننىڭ كۆزىدىن قورقما، ياۋۇزنىڭ سۆزىدىن قورق. ياۋۇزغا ياخشىلىقنىڭ نۇرى چۈشمەس. كىشىلەر بىر نىيەتتە كۈچ چىقارسا، ئەڭ ۋەھشىي ھايۋانمۇ تۇتۇلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
ئىنسانلىق قىياپىتىنى يوقاتقان، ئۆتۈپ كەتكەن زالىم، قانخور.
ۋەھشىي ئادەم.