Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋەھشەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يالغۇزلۇق، ئادەملەردىن يىراقلىشىش، ۋەھىشىيلەر بىلەن ئۈلپەتلىشىش؛ ۋەھشىيلىك، ياۋايىلىق؛ قورقۇنچ، ۋەھىمە، خەپ - خەتەر:
مېنىڭ سارى قىلدى نىگاھىنى سەھم،
كۆڭۈل ۋەھشەتىنى قىلىپدۇركى فەھم.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ياۋۇزلۇق، ۋەھشىلىك، ياۋايىلىق؛ قورقۇنچ؛ ۋەھشىيەت ئەگىز - ھەيۋەتلىك، قورقۇنچلۇق، قورقۇتقۇچى؛ ۋەھشىيەت ئەفزا - قورقۇنچىنى ئارتتۇرغۇچى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت. كىشىنى ۋەھىمىگە، غەم - ئەندىشىگە سالىدىغان ياۋۇزلۇق، ۋەھشىيلىك، قورقۇنچ دەھشەت.
ۋادەرىخ، نەقىسمەت بۇ شۇنچە دەھشەت، سولغايمۇ چېچەك ئاچماي ۋىسال مۆھلەت؟! خۇدايا، ئۆزۈڭ بىر كۈچ قىلغىن ئىلتىپات، بۇ ۋەھشەت قىسمىتىدىن ئەيلە ئازاد!