Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋاز
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئوچۇق، ئوچۇق تۇرغان؛ پەنجىرەۋاز - ئوچۇق دەرىزە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
جۈملىدە <ۋاز كەچمەك> شەكلىدە كېلىپ تۆۋەندىكىدەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: 1( ئىگىلىك ياكى پايدىلىنىش ھوقۇقىدىن كەچمەك.
ئۇ ئاتىسىدىن قالغان مىراستىن ۋاز كەچتى.
2) مەشغۇل بولۇۋاتقان ئىش - ھەرىكەتتىن، ئوي - خىيالدىن يالتايماق، يانماق.
گۈزەلئاي بىلەن ئۇزاق مەسلىھەتلەشتۇق ئاخىر گۈزەلئايمۇ ئوقۇشتىن ۋاز كەچتى.
ئۇ ئىلگىرىكى پىكرىدىن ۋاز كەچتى.
3( يۈز ئۆرۈمەك، تانماق.
ئۇ ئاتا - ئانىسىدىن ۋاز كېچىپ يىراق يۇرتلارغا كەتتى.