Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋارىسلىق توسالغۇسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇنىڭدا ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى چەكلەش ياكى تەتبىق قىلماسلىق توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ھەقتە ئوخشاشمىغان ئەھلى فىقھەلەر ئوتتۇرىسىدا پەرق مەۋجۇت. ۋارىسلىق توسالغۇسى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ (ۋەسىيەت قالدۇرۇپ ئىئانە قىلغىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)؛ (2) ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى پەيدا قىلغۇچىنىڭ مەرھۇمنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. بۇ بەلگىلىمە ھەنەفىيە ۋە شافىئىييە ئېقىمىنىڭ شەرىئىتىدە قەستەن زىيانكەشلىككە ۋە سەۋەنلىك زىيانكەشلىكىگە تەتبىق قىلىنىدۇ. مالىكىيە، ھەنبەلىيە ۋە شىئە مەزھىپىنىڭ شەرىئىتىدە قەستەن زىيانكەشلىك قىلغۇچىغىلا تەتبىق قىلىنىدۇ. (3) قۇللارنىڭ قۇلدارنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ (4) نىكاھسىز توغۇلغان بالىنىڭ دادا مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ (5) ئۆگەي دادا، ئۆگەي بالىنىڭ بىر - بىرىنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.