Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋات تيلېر قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
1381 - يىلىدىكى ئەنگلىيە دېھقانچىلىق قوزغىلىڭى. ئاساسلىق رەھبىرى تامچى ۋات. تيلېر (؟ - 1381) ۋە بال. ⅣⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، ئەنگلىيە دېھقانلىرىنىڭ ھال - كۈنى بارغانسېرى يامانلىشىپ كەتكەن، پۇل بىلەن تۆلىنىدىغان يەر ئىجارىسى ئېغىرلىشىپ كېتىپ، دېھقانلار تۆلىيەلمەيدىغان دەرىجىگە يەتكەن؛ خوجىلار يېزا جامائەلىرىنىڭ يەرلىرىنى خالىغانچە تالان - تاراج قىلغان؛ بەزى چوڭ فېئوداللار، بولۇپمۇ چېركاۋدىكى چوڭ فېئوداللار جاھىللىق بىلەن ھاشار تۈزۈمىنى ساقلاپ قالغان؛ 1348 - 1349 - يىللىرى قارا داغ كېلىسى (يەنى چۇما كېسىلى) تارقىلىپ، ئەنگلىيىنىڭ يېرىمىغا يېقىن ئادىمىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، ئەمگەك كۈچى جىددىي كېمىيىپ كېتىپ، ھۆكۈمەت <ئەمگەك ئىش ھەققى قانۇنى> جاكارلاپ، ياللانما ئەمگەكچىلەرنى ياللىغۇچىلارغا قارا داغ كېسىلى تارقىلىشتىن بۇرۇنقى ئىش ھەققى ئۆلچىمى بويىچە ياللىنىشقا مەجبۇر قىلغان، ۋەھاكازالار. 1377 - يىلى ئەنگلىيە - فرانسىيىنىڭ 100 يىللىق ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت جان سانى بېجى ئېلىشنى يولغا قويغان. 1380 - يىلى ئۈچىنچى قېتىم يىغقاندا، باج نورمىسى ئىككى ھەسسە ئېشىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە باجگىرلار ساختىپەزلىك ۋە مەنپەئەتپەرەسلىك قىلىپ، دېھقانلرنى چىدىيالمايدىغان دەرىجىگە كەلتۈرۈپ قويغان. بۇلار قوزغىلاڭنىڭ سەۋەبلىكى بولغان. 1381 - يىلى 5 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، شەرقىي ئېسېكىس ۋە كېنتلىق دېھقانلار ئالدى بىلەن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭ تېزلىك بىلەن ئەنگلىيىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى قاپلىغان، 6 - ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، دېھقانلار قوشۇنى كېنتېربېرىنى ئىگىلىگەن. 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، لوندون پۇقرالىرىنىڭ قوللىشى بىلەن پايتەختكە بېسىپ كىرگەن،قوزغىلاڭچىلار ھەممىلا يەردە فېئودال قورۇقلارنى ئىگىلەپ، باج دەپتەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ، خەلقنىڭ غەزەپ - نەپرىتىنى قوزغىغان فېئودال، ۋەزىر ۋە سوتچىلارنى ئۆلتۈرگەن. 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، كورۇل چارلېس Ⅱ دېھقانلار ئارمىيىسى بىلەن مېرىندا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. قوزغىلاڭچىلار يانچىلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، پۇل بىلەن تۆلىنىدىغان تۆۋەن نورمىلىق باجنى دېھقانلارنىڭ فېئوداللار ئالدىدىكى بارلىق مەجبۇرىيىتى ئورنىغا قويۇشنى؛ سودا ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇش ۋە قوزغىلاڭچىلارنى ئومۇمىي كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.بۇ ئاساسەن ھاللىق دېھقانلارنىڭ تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. كورۇل يول قويغاندەك بولۇۋالغانلىقتىن، بىر قىسىم دېھقانلار ئېشىنىپ كېتىپ، يۇرتلىرىغا قايتىپ كەتكەن. نامرات دېھقانلار كېتىپ قېلىشنى خالىماي، 15 - كۈنى كەچتە سمىتفېلدا چارلېس Ⅱ بىلەن يەنە بىر قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، چېركاۋنىڭ يەر مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ، دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىش؛ زېمىندارلارنىڭ بارلىق ئىمتىيازىنى بىكار قىلىپ، ئۇلار زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالغان يېزا جامائە يەرلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش، <ئەمگەك - ئىش ھەققى قانۇنى> نى بىكار قىلىش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان. سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، لوندون شەھىرىنىڭ باشلىقى تۇيۇقسىز خەنجىرىنى چىقىرىپ ۋات. تيلېرنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. قوزغىلاڭچى دېھقانلار باشلىقسىز قېلىپ، ئارقا - ئارقىدىن لوندوندىن ئايرىلىپ كەتكەن. يىغىپ كېلىنگەن ھەرقايسى ۋىلايەتلەرنىڭ رىتسارلىرى قايتىپ كەتكەن دېھقانلارنى قوغلاپ يۈرۈپ قىرغىن قىلغان. كېيىن بالمۇ ئۆلتۈرۈلگەن، قوزغىلاڭ ئاخىر باستۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلاىيە يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.