Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋاتلىن چوڭ يولى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە تارىخىدىكى مەشھۇر چوڭ يول. قەدىمكى رىم دەۋرىدە قۇرۇلغان. لوندوندىن غەربىي شىمالىغا سوزۇلۇپ، ۋېرۇلامئۇم (ھازىرقى سانت ئالبانس) ئارقىلىق ۋىروكونىئوم (ھازىرقى ۋروكىسېتېر) غا تۇتاشقان. يول ئۈستىگە بىر مۇنچە قەلئە سېلىنغان. مىلادى Ⅸ - Ⅹ ئەسىرلەردە غەربىي ساكىس پادىشاھلىقى بىلەن دانىيە رايونىنىڭ چېگرىسى بولغان.