Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋاجىد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ۋۇجۇدقا كەلتۈرگۈچى، بار قىلغۇچى، ياراتقۇچى:
ئەگەر ۋاجىدۇ مەجىد ئەت ئېئتىبار؛
ئەگەر ھەييۇ قەييۇم بىر ھۇكمى بار.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ياراتقۇچى، ئىجاد قىلغۇچى، ئىختىرا قىلغۇچى.
دۇنيا تارىخى
(747 - 873) ئەرەب تارىخشۇناسى. مەدىنىدە تۇغۇلغان. ئاشلىق سودىگىرى بولغان. قەرزدىن قېچىپ، باغدادقا بېرىۋالغنا. كېيىن باغداد غەربىي رايونىنىڭ قازىسى بولغان. <زەپەرنامە> دېگەن ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەرەبلەرنىڭ دەسلەپكى ئىستېلالىرى ۋە مۇھىم ئۇرۇشلىرى بايان قىلىنغان. يەنە <سۈرىيىنىڭ بويسۇندۇرۇلۇشى> قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ بار.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ۋاجىت، گاجىت
ئىجاد قىلغۇچى، ئىجادكار، ۋۇجۇدقا كەلتۈرگۈچى، ئىمكانىيەتلىك