Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋاچچىدا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سان - مىقدار جەھەتتىن چوڭ.
«مول، ئەلۋەك» ماددىي بايلىق، ئىلىم - بىلىم، تەجرىبە - ساۋاقلار، نازۇنېمەتلەرنىڭ كۆپ ۋە تۈرلۈك ئىكەنلىكىگە قارىتا ئېيتلىدۇ.
«زىيادە، ئارتۇق، ئوشۇق» تېگىشلىك ساندىن ئېشىپ چۈشكەن «كۆپ» كە قارىتىلىدۇ.
كۆپ يۈرگەن كۆپ ياشىغاندىن كۆپ بىلەر. جىق تۇخۇم باسقان مېكىيان بىر چۈجىمۇ چىقىرالماس. نۇرغۇن ھەقىقەتلەر دەسلىپىدە بىھۆرمەتلىك ھېسابلانغان. ئىش تولا، كۆمۈر ئاز. كۇچادا مېۋە ئاۋۇن. سۈيىڭ غول - ھوسۇلۇڭ مول. زىياپەتتە نازۇنېمەتلەر ئەلۋەك ئىكەن. سۈيى ئەلۋەك يەرنىڭ زىرائىتى ئوخشايدۇ. ئۆلۈك سۆز زىيادە سۆزلەنسە، توغرىمۇ سەپسەتە بولار. ئارتۇق بايلىق باش يارماس. ئوشۇق گەپ ئېشەككە يۈك. مول تەجرىبە توپلىماق بەسى مۈشكۈل. تەجرىبە قىلمىشتۇر دانالار بىسيار. دوپپىلىق باش كۇرمىڭنى باشتىن كەچۈرەر. بۇنداق ئىنتزامغا خىلاپ ئىشلار بىزدە ۋاچچىدا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بەك كۆپ، مول.
كەمچىل، ئەنقانىڭ تۇخۇمى، تېپىلماسنىڭ خورمىسى
ناھايىتى ئاز، كەمدىن كەم.
بىزدە ئوتياش - كۆكتات خېلى سىيراپ بولۇپ قالدى. ئىنتىزامغا خىلاپ ئىشلار ۋاچچىدا. سەن ئەتىۋارلىغان نەرسىلەر ھازىر ساماننەرخى. بىزدە يېتىشكەن ئىنژېنېرلار تېخى كەمچىل. بىر ۋاقىتلاردا توخۇ تۇخۇمىمۇ ئەنقانىڭ تۇخۇمىدەك كەمچىل بولۇپ كەتكەنىدى.