Uyghurئاساسىي لۇغەت
تېزلىمەك
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
سۈرئەت ئۆرلىمەك، ئاشماق.
ئاستىلىماق، ئاقىرىنلىماق
سۈرئەت تۆۋەنلىمەك، پەسلىمەك.
ئاتنىڭ يۈرۈشى ئاستىلىدى. مېڭىشىمىز بارغانسېرى ئاقىرىنلىدى. ھايات سۈرئىتى تېزلەۋاتىدۇ، ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. قوشۇنىمىزنىڭ يۈرۈشى چاپسانلىدى. كومپيۇتېرنىڭ ھېسابلىشى ئىتتىكلەۋاتىدۇ. قېنى، ئىلدامراق بارايلى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تېزلىكى ئاشماق.
ماشىنا تېزلىدى.
ئوقۇغۇچىسىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ قەدەملىرى تېخىمۇ تېزلىدى.
مەلۇم بىر ئىش جەريانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئاز قالماق؛ يۈكسەلمەك، ئىلگىرىلىمەك.
بۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئالغا بېسىشى خېلى تېزلەپ قالدى.