Uyghurئاساسىي لۇغەت
تېزلەتكۈچى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. تېزلىتىدىغان.
ئى. بىرەر جەرياننى تېزلىتىدىغان، ئىلگىرى سۈرىدىغان ئامىل، سەۋەب.
بىرلىك، ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ھەمكارلىق - ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى ياخشى قىلىشتىكى تېزلەتكۈچى تۈرتكىلەردىن بىرى.
ئى <فىز> سۈنئىي ئۇسۇل بىلەن يۇقىرى سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىدىغان زەررىچىلەرنى ھاسىل قىلىش قۇرۇلمىسى، يەنى ئاتوم يادروسى ۋە ئاساسىي زەررىچىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى تەتقىق قىلىش قورالى.