Uyghurئاساسىي لۇغەت
تېئوتىخۇاكان
دۇنيا تارىخى
مېكسىكا قەدىمكى زامان مەدەنىيىتىنىڭ كلاسسىك دەۋرىدىكى بىر خىل مۇھىم مەدەنىيەت. تىپىك خارابىسى مېكسىكا شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن تەخمىنەن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تېئوتىخۇاكان (مەنىسى <ئىلاھلار پايتەختى>) دا بولغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. تەخمىنەن مىلادى Ⅱ ئەسىردە شەكىللىنىپ، مىلادى Ⅷ ئەسىردىن كېيىنكى خارابلىشىشقا باشلىغان. خارابىنىڭ دائىرىسى كەڭ بولۇپ، مەركىزى رايونى تەخمىنەن 6 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاساسىي بىنالار ئۇزۇنلۇقى 2 كىلومېتىر كېلىدىغان <ئۆلۈكلەر كوچىسى> نىڭ ئىككى تەرىپىگە مەركەزلەشكەن، <قۇياش پىرامىداسى> قۇياش ئىلاھىغا نەزىر - چىراغ قىلىنىدىغان بۇتخانا بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 65 مېتىر كېلىدۇ، <ئاي پىرامىداسى> نىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن50 مېتىرغا يېتىدۇ. يەنە ئۆزگىچە شەكىلدە جايلاشقان بىنالار بولۇپ، ئاتاقلىقى تۈكلۈك يىلان ئىبادەتخانىسى، كېپىنەك ئوردىسى ۋە دېھقانچىلىق ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. تۈكلۈك يىلان ئىبادەتخانىسى جەمئىي 4 قەۋەتلىك بولۇپ، پۈتۈنلەي تاشتىن قوپۇرۇلغان. ئوتتۇرىسىدا پەلەمپىيى بار، پەلەمپەينىڭ ئىككى تەرىپىدىكى شادىغا تۈكلۈك يىلان بېشىدىن ئالتىسى ئويۇلغان، ھەربىر قەۋەتكە تۈكلۈك يىلان بېشى ۋە يامغۇر ئىلاھى تلالوكنىڭ بېشى ئويۇلغان. كېپىنەك ئوردىسى بىلەن دېھقانچىلىق ئىبادەتخانىسىنىڭ تام سىزمىلىرى، مەيلى رېئال دۇنيادىكى شاھزادە ياكىئاددىي كىشىلەر بولسۇن، ئۆي ھايۋانلىرى، قۇشلار ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلار بولسۇن، ناھايىتى جانلىق سىزىلغان بولۇپ، ماسلاشتۇرۇپ قۇراشتۇرۇلغان ۋە كۆركەم رەڭ بېرىلگەن. ساپال قاچىلارنى ياساش تەرەققى قىلغان بولۇپ، ئوخشاش دەۋردىكى زاپوتېك ساپال قاچىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا تۈزۈلۈشى ئاددىي بولسىمۇ، ئەمما نەپىس ئىشلەنگەن.