Uyghurئاساسىي لۇغەت
تېئودورىك
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادى 564 - 526 - يىللىرى). شەرقىي گوتلارنىڭ پادىشاھى (474 - 526) بولۇپ، تارىختا <ئۇلۇغ تېئودورك پادىشاھ>(دېتىرخ، دەپمۇ ئاتالغان)دەپمۇ ئاتالغان. پاننونىيە (دوناي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىنىڭ جەنۇبىي رايونى) دا تۇغۇلغان. بالىلىق چېغىدا كونسىتانتىنوپول (ۋىزانتىيە) شەھىرىدە تۇرغان بولۇپ، رىمنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان. 474 - يىلى (ياكى 475 - يىلى) ئاتىسى تېئودېمىرنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. كېيىن شەرقىي رىم ئىمپېراتورى زېنوننىڭ ئىجازىتى (بۇ چاغدا غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى گۇمران بولغان) بىلەن ئىتالىيىگە كېلىپ، ئودوئاكا بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، غەلىبە (490 - يىلى) قىلغان. ئودوئاكرنى ئۆلتۈرۈپ، ئىتالىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تارتىۋالغان. 493 - يىلى شەرقىي گوتلار پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ، راۋېننا شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. گاللىيە، بالقان يېرىم ئارىلىغا ئەسكەر تارتىپ كىرىپ، زېمىننى كېڭەيتكەن. بوئىتوس، كاسىئودورۇس قاتارلىق مەشھۇر زاتلارنى ئىشقا قويۇپ، رىمنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە، ئەدەبىيات - سەنئەتنى قوغدىغان. خرىستىئان دىنىنىڭ <بىدئەتچىلىك> ئېقىمى بولغان ئارېئوچىلارنىڭ قوللاپ، ئىتالىيىدە تەسىرى بولغان كاتولىك دىنىنى كەمسىتكەن. ھاياتىنىڭ كېيىنكى يىللىرى ئېيتىشلارغا قارىغاندا بوئىتىئوس (ۋە باشقىلار) ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىن ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى قەستلىگەندە، تۈرمىگە تاشلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن (524 - ياكى 552).