Uyghurئاساسىي لۇغەت
تېخى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋ. ھازىرغا قەدەر، ھازىرمۇ.
مەن كىگىز ئۆتۈك بىلەن ناننى ئېلىپ، ھېلىقى بالىنىڭ يېنىغا چاپتىم. بارسام ئۇنىڭ كۆز يېشى تېخى قۇرۇماپتۇ.
يۈك <ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭدىن تاشقىرى، يەنە كېلىپ، يەنە> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ، تېخى پارتىيىگە كىرمەكچى.
رەۋ. ئەمدى، ئەمدىلا، يېڭىلا.
ئۇلار تېخى بىر نەچچە قەدەم مېڭىۋىدى، ئالدى تەرەپتىن ئەزىمەت بىلەن بالا كۆتۈرگەن چىنارخان چىقىپ كەلدى.
رەۋ. يەنە، يەنىمۇ، ئىنتايىن.
بىزنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىمىز تېخى كۆپ، سىلەرنىڭ قىممەتلىك پىكىر - تەكلىپلەرنى بېرىشىڭلارغا موھتاجمىز.
يۈكلىمە رولىدا تۆۋەندىكى مەنىلەردە كېلىدۇ: 1( جۈملىنىڭ خەۋىرىدىن بۇرۇن ياكى كېيىن كېلىپ، جۈملىدىكى ئىشنى باشقا بىر ئىشقا نىسبەتەن شۇنداق دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
- نېمانچە ئورۇقلاپ قالدىڭ؟ - ھازىر سەمرىپ قالدىم تېخى، بۇرۇن كۆرسەڭ قورقۇپ كېتەتتىڭ.
2) جۈملىنىڭ خەۋىرىدىن بۇرۇن ياكى كېيىن كېلىپ، سۆزلىگۈچىنىڭ قارىشىچە خەۋەردە ئىپادىلەنگەن ئىشنىڭ بىھۇدە بولغانلىقى، چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، سۇبيېكتىپ ئۈچۈن مۇناسىپ ئەمەسلىكى قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
قىلغان - ئەتكىنىنى ئاز دەپ، تېخى ئادەم ئۇرغىنىنى قارىمامدىغان.
3( بەزى ۋاقىت ھالەتلىرىنىڭ ياكى رەۋىشداش سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ ئالدىدا كېلىپ، ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمىگەنلىك مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ چاغدا كۆپىنچە <- لا> يۈكلىمىسى بىلەن ماسلىشىپ كېلىدۇ.
تېخى سوئالنى كۆرۈپ بولمايلا سائەت توشۇپ قالدى.
ئۈستلىمە ئۈندەش جۈملىلەر تەركىبىدە كېلىدۇ.
ئۇ ناھايىتى ياخشى بالا، ئۆتكۈرلۈكىچۇ تېخى.