Uyghurئاساسىي لۇغەت
تېرامېن
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 403 - 455) سېرامېن ياكى تېرامېنېس دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. قەدىمكى ئافىنا سىياسىئونى. ھاگنوننىڭ ئوغلى. ئاقسۆڭەك ئولىگارخلىرى تەرەپدارى. مىلادىدىن 411 يىل ئىلگىرى (پېلوپوننېس ئۇرۇشى مەزگىلى) ئانتىفون قاتارلىقلار بىلەن سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، ئولىگارخلار ھۆكۈمرانلىقى (400 كىشىلىك كېڭەشمىسىنى يادرو قىلغان) نى تىكلىگەن. كېيىن بېرىپ ئانتىفون قاتارلىق كىشىلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان؛ ئولىگارخلار ھاكىمىيىتىمۇ قارشىلىققا ئۇچراپ، ئاران تۆت ئاي مەۋجۇت بولۇپ، ئاغدۇرۇۋېتىلگەن. مىلادىدىن 406 يىل ئىلگىرى ئارگىنۇسې جېڭىگە قوماندانلىق قىلىشقا قاتنىشىپ، ئافىنا فلوتى سپارتا ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. بىراق ئۇنىڭ ئاساسلىق كوماندىرلىرى ئۆلتۈرۈلگەن، ئۆزى قۇتۇلۇپ قالغان. مىلادىدىن 404 يىل ئىلگىرى ئافىنا مەغلۇپ بولۇپ تەسلى بولغان، ليساندېر (سپارتا باش قوماندانى) ئافىناغا بېسىپ كىرىپ <ئوتتۇرا تىران> (<ئوتتۇزلار زالىملىقى>) ھۆكۈمرانىقىنى يۆلەپ تۇرغۇزغان. تېرامېن <ئوتتۇز تىران> نىڭ بىرى (ئارىستوتېلنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ <يولباشچىسى> ئىكەن) بولۇپ، زوراۋانلىق سىياسىينى يولغا قويۇپ، دېموكراتلارغا زىيانكەشلىك قىلغان، بىر تۈركۈم بايلارنىڭ مال مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىۋالغان، ئۇ، كىرىتىئاس بىلەن ھاكىمىيەت تالىشىپ، ئۆزئارا تۇتۇتشۇپ قالغان، كرىتىئاس تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، <ئاسىي> دەپ ئەيىبلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن <ئوتتۇرا تىران> ھۆكۈمرانلىقىمۇ غۇلاپ چۈشكەن.