Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇخۇم ئورگىنى
بىئولوگىيە
مۇخ، پاپورتنىك ۋە يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئانىلىق كۆپىيىش ئورگىنى. تىپىك تۇخۇم ئورگىنى بوتۇلكىسىمان بولۇپ، سىرتىدا بىر قەۋەت ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن پېيىنچىسى بولىدۇ، قورساق قىسىم (تۆۋەن تەرىپى) بىلەن بويۇن قىسىم (يۇقىرى تەرىپى) غا بۆلۈنىدۇ؛ قورساق قىسمى يوغان بولۇپ، ئىچىدە تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن قورساق ئېرىق ھۈجەيرىسىنىڭ ھەر قايسىسىدىن بىر دانىدىن بولىدۇ؛ بويۇن قىسمى ئىنچىكە، ئۇزۇن بولۇپ، ئىچىدە بىر قاتار بويۇن ئېرىق ھۈجەيرىسى بولىدۇ. پىشقاندا بويۇن ۋە قورساق قىسمىدىكى ئېرىق ھۈجەيرىلىرى يېرىلىپ يېپىشقاق سۇيۇقلۇقنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە سپېرمىنى جەلپ قىلىدىغان ماددىنى قويۇپ بېرىدۇ، سپېرما سۇنىڭ ياردىمىدە ئۈزۈپ كىرىپ تۇخۇم بىلەن قوشۇلىدۇ. تۇخۇم ئورگىنىنىڭ ئاددىي ياكى مۇرەككەپلىكى ئۆسۈملۈك تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. تۇخۇم ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن تۇخۇم ئورگىنى ئىچىدە تۆرەلمە ھاسىل بولىدۇ.