Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇخۇم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر ئاتا - بوۋىدىن تارقالغان.
ياخشى ئىستىلنى ئەۋلادتىن ئەۋلاتقا قالدۇرۇش كېرەك. ئەقىللىق بالا ئۆستۈرسەڭ، ئەۋلادىڭ ئابروي تاپار. جەمەت جەمەتكە تارتىدۇ. نەسلىنى قۇرۇتماق. ئۇرۇق مىللەتنىڭ دەسلەپكى شەكلى. ئەر تۇخۇمىنى يوقاتماس. يەتمىش پۇشتىنى كۆزىگە كۆرسەتمەك.
بىئولوگىيە
تۇخۇملۇق كۆپىيىش جەرياىدىكى ئانىلىق گامېتا. ئادەتتە شار شەكىللىك ياكى تۇخۇم شەكىللىك بولىدۇ، سپېرمىدىن چوڭراق بولىدۇ، كۆپىنچە ھاللاردا ھەرىكەتلەنمەيدۇ. تۇخۇمدا ھۈجەيرە يادروسى بولۇشتىن باشقا، يەنە ستوپلازما ۋە كۆپ مىقداردا ئوزۇقلۇق ماددا بولىدۇ. ئېنتومولوگىيىدە تۇخۇم يەنە ھاشاراتلارنىڭ ھالەت ئۆزگەرتىشىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، تولۇق ھالەت ئۆزگەرتىدىغان ھاشاراتلار (پەرۋانە، كېپىنەك، پاشا، چىۋىن قاتارلىقلار) دا تۇخۇم، لىچىنكا، قورچاق ۋە يېتىلگەن قۇرتتىن ئىبارەت تۆت باسقۇچ بولىدۇ. بىراق بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقان تۇخۇم ئۇزۇقلانغان تۇخۇمنى كۆرسىتىدۇ. جانلىقلارنىڭ تۈرى كۆپ بولغاچقا، تۇخۇمنىڭ شەكلى ئۆزگىرىشى زور بولىدۇ. تۇخۇمنىڭ ئەڭ چوڭى قۇش تۇخۇمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە تۇخۇم سېرىقى، تۇخۇم سېرىقىنىڭ ئەتراپىدا تۇخۇم ئېقى، تۇخۇم پەردىسى، تۇخۇم شاكىلى قاتارلىق تۈزۈلۈشلەر بولىدۇ. تۇخۇم ئادەتتە ئانىلىقنىڭ كۆپىيىش ئورگىنىدىن ھاسىل بولىدۇ. ھايۋانلارنىڭ ئانىلىق كۆپىيىش ئورگىنى تۇخۇمدان، تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۇخۇم ھاسىل قىلىش ئورگىنى تۇخۇم ساقلاش ئورگىنى ياكى تۇخۇم خالتىسى: مۇخ، پاپورتنىكلا ۋە يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئانىلىق كۆپىيىش ئورگىنى بويۇن تۇخۇم ئورگىنى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
چىشى قۇشلار ۋە بەزى ھايۋانلارنىڭ بالا چىقىرىش ئۈچۈن تۇغىدىغان، ئۈستى شاكال بىلەن ئورالغان جىنسىي ئۇرۇقى.
يېمەكلىك سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان، توخۇ، ئۆردەك قاتارلىق قۇشلارنىڭ تۇخۇمى.
<بىئول> ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئانىلىق ھۈجەيرىسى. ئۇ ئۇرۇق بىلەن قوشۇلغاندىن كېيىن ئىككىنچى ئەۋلادنى ھاسىل قىلىدۇ.
<بىئول> ھاشاراتشۇناسلىق ئىلمىدە، ئۇرۇنلانغان تۇخۇمغا قارىتىلغان بولۇپ، ھاشاراتلار ھاياتلىق دەۋرىنىڭ بىرىنچى يېتىلىش باسقۇچى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
كۆچمە. نەسىل، ئەۋلاد.
تۇخۇمىنى قۇرۇتماق.