Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇتۇرۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياغاچنى چېپىش، رەندىلەشتىن چىققان ئۇششاق ئوتۇن.
تارىشا ئوتنىڭ بېشى. خەشەك تىرىپ، ئوت ياق. ياغاچ قىرىندىلىرىنى زايە قىلماي. تۇتۇرۇق ئاسان تۇتۇشىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئوت ئالدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇششاق قىلىپ تەييارلانغان قۇرۇق ئوتۇن ياك قۇمۇش، تارىشا قاتارلىقلار.
ئامىنە تەييار تۇتۇرۇقنى ئوچاققا تىزدى - دە، كۆمۈر سېلىپ ئوت ياقتى.
كۆچمە. ئەر - خوتۇننىڭ بىر - بىرىگە يول قويماسلىقى، دەتالاشنىڭ ئاخىرىنىڭ جېدەل - ماجىراغا ئايلىنىشىغا تۇتۇرۇق بولدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كىشىنىڭ ئۆز سۆزىدە تۇرۇش خىسلىتى.
تۇتۇرۇقى يوق ئادەم.
مۇئەييەن مەنە، مەزمۇن.
تۇتۇرۇقى يوق گەپ.