Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇتماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئۇشلىماق.
بەرمەك، تەقدىم قىلماق؛ ئۇزاتماق.
قولغا چەشەرمەك، ئەسىر قىلماق، رام قىلماق؛ ئىگىلىمەك، بېسىۋالماق؛ قاپلىماق.
ھېسابلىماق؛ بىلمەك؛ پەرەز قىلماق.
قوللىماق؛ قوللانماق.
ساقلىماق، ئاسرىماق، 7. چىدىماق. 8. ئەمەل قىلماق. 9. كۆنمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر نەرسىنى قول بىلەن ئالماق.
ئىككى قولى بىلەن ئۈچ بېلىق تۇتۇپتۇ. ھەممىنى تۇتىمەن دېگەن ھېچنېمىنى تۇتالماس. بوش ئۇشلىغان ئۇشلىمىغانغا تەڭ. بېلىقنى بېشىدىن قارما.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تۇتماق، قولغا چۈشۈرمەك
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ساپ، تۇتقۇچ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قولى بىلەن سىقىمدىماق، سىقىمداپ تۇرماق؛ ئىككى قولى ئارىسىدا توختاتماق.
تۇتقۇچنى تۇتماق. توپنى تۇتماق.
قولىغا ئالماق، قولىدا كۆتۈرمەك.
ماشىنىدا پىلىموت ۋە بەشئاتار مىلتىق تۇتقان، يانلىرىغا بومبىلار ئاسقان يۈزچە ئەسكەر بار ئىدى.
قوغلاپ، ئوۋلاپ، ئىزلاپ، قولغا چۈشۈرمەك؛ قىسماق، قىلتاق، قاپقان قاتارلىقلارغا چۈشۈرمەك.
كىشىنىڭ قولى بىلەن يىلان تۇت (ماقال).
بىرەر تەرىزدە ئىشلەتمەك، قوللانماق.
ئېيتڭا ئاكا، مەش قويۇش، مۇنۇ قۇم چۆگۈن ئورنىغا قەلەي چەينەك تۇتۇش سىزگە يات بىلىنەمدۇ؟
ھۆرمەت يۈزىسىدىن بىرەر نەرسىدىن پايدىلىنىشقا تەكلىپ قىلماق، پايدىلىنىشقا بەرمەك، تەقدىم قىلماق، سۇنماق.
يېڭى پىيالە ئەكەلدۈرۈپ، كۆپۈك چىقارماي، پەم بىلەن چاي قۇيۇپ، مېھمانغا ئەدەپ بىلەن تۇتتۇم.
يېزىپ مەلۇم قىلماق؛ سۇنماق.
خەت تۇتماق. ئەرز تۇتماق.
باشقا بىر نەرسىگە ئۇدۇللاپ يېقىن ئەكەلمەك، تەڭلىمەك.
كىتابنى چىراغقا تۇتۇپ ئوقۇماق. پىچاقنى چاققا تۇتماق.
كۆچمە. ئۆز قولىدا ساقلىماق، ئىدارە قىلماق، ئىگىلىمەك، باشقۇرماق.
- بىزدە يېزا سۇ ھوقۇقىنى تۇتقان بىرلا قاسىم بارغۇ! - دېدى تۇراخۇن.
پەردىلەش، دالدا قىلىش مەقسىتىدە توسماق.
دېرىزىگە پەردە تۇتماق. تامغا زەدىۋال تۇتماق.
چۆرىسىگە، ئەتراپىغا ئورناتماق، تىكمەك.
دوپپىغا جىيەك تۇتماق. كۆرپىگە قارا تۇتماق. ئۆز دائىرىسىدە تۇرغۇزماق، ساقلاپ قالماق:
تېرە ئادەم بەدىنىدىكى ئاقسىلنى تۇتۇپ تۇرىدۇ. توسۇپ توختاتماق، تورىماق.
ئۇ: - قېيىقنى ئادەملىرى بىلەن تۇتۇپ قالغىنىڭلار نېمىسى؟ بىز خەلققە نېمىدەپ جاۋاپ قىلىمىز؟ - دېدى. بېرىشنى مەنئى قىلماق، توختىتىپ قويماق:
مائاشنى تۇتماق. بوش قويۇۋەتمەي، ئۈنۈملۈك ئۆتكۈزمەك، پايدىلانماق (ۋاقىت، پەيت ھەققىدە).
بىر كۈنلۈك ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش - تۇتماسلىق بىر شوپۇرنىڭ يىللىق ئىشىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە. جاۋابكارلىققا تارتماق، قىستىماق:
پۇلنى توڭلاتقان چىن بۇجاڭ بىلەن تۇرسۇن شېجاڭ، شۇلارنى تۇتۇڭلار. ئۆز پائالىيىتىدە مەلۇم تەرتىپ - قائىدە بىلەن ئىش ئېلىپ بارماق، بېجىرمەك.
باشقىچە يول تۇتماق. ھاي بەرمەك، توسماق، توختاتماق:
ئۆلۈمدىن قورقساڭ ئۆزۈڭنى تۇت، ھالاۋەت، بەخت توغرىسىدا ئويلىما. باشلىماق، سۇغارماق (سۇ ھەققىدە).
سۇپىتاي ئۆمرىدە بىرىنچى قېتىم، ئۆزى قىلغان دېھقانچىلىقنىڭ مەھسۇلاتى بولغان بۇغدايغا ئىككىنچى قېتىم سۇ تۇتماقتا ئىدى. ساقلىماق، قالدۇرماق:
سىز باشقىلارنىڭ كۆزىدە ئىكەنلىكىڭىزنى يادىڭىزدا تۇتۇڭ. ھېسابلىماق، سانىماق، .... دەپ بىلمەك.
تاشۋاينى ئىزلەپ كېلىدىغان مۇزىكانتلار، مۇزىكا ىۇمارلار، تاشۋاينى ئۇستاز تۇتقان شاگىرتلار تولىمۇ كۆپ ئىدى. باشلانماق، پەيدا بولماق، قوزغالماق؛ باسماق، ئۆز ئىلكىگە ئالماق:
تولغاق تۇتماق. ئاغرىق تۇتماق. شوخلۇقى تۇتماق. خۇمارى تۇتماق. غەزىپى تۇتماق. ئاچچىقى تۇتماق. پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىشغال قىلماق، ئىگىلىمەك.
ئۇ قۇمۇلغا كەلگەندىن كېيىن، نىياز پالۋاننىڭ ئۆيىنى ماكان تۇتتى. بىر ئەزاسى ياكى ئىشتىراكچى سۈپىتىدە قۇرماق:
شۇنداق قىلىپ، ئائىلىمىزدە ئانامنىڭ تۇتقان جاھانىغا بىر ئىز باسقۇچى پەيدا بولدى. راۋاجلىنىپ، ئۆسۈپ، ياخشىلىنىپ رەسمىي تولۇق ھالەتكە كەلمەك.
بوينى تۇتماق. سۇنغان قولى تۇتماق. مەلۇم ھالەتنى ساقلىماق، مەلۇم ھالەتكە كەلتۈرمەك، داۋاملاشتۇرماق:
چېن ئەمىر كېمىگە چۈشۈپ، ئۆزىنى مەغرۇر تۇتۇپ، ھېچكىمنى كۆزگە ئىلماي ئوتتۇرىدا ئولتۇردى. مەلىكە قىلماق، بەند قىلماق، كەتكۈزمەي توسۇپ قالماق، ئاۋارە قىلماق.
غالىب كېسەل بولغاچقا، كۆپ گەپكە تۇتسا بولمايتتى. بىراۋنىڭ يولۇققان، ئۇچرىغان ئوڭۇشسىزىقلىرى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىرىنىڭ بېشىغا كەلمەك، ئۈستىگە چۈشمەك:
باشقىلارنىڭ قىساسى تۇتماق.
ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن، ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى، كۆز يېشىم دەريا بولۇپ، بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى. ئىپادىلىمەك، كۆرسەتمەك.
مېنى بۇ يەرگە يېڭى ئەكەلگەن ۋاقىتلارنى، ئۇلارنىڭ ماڭا تۇتقان پوزىتسىيىلىرىنى بىرمۇبىر ئەسلىدىم. مەلۇم دائىرە ئىچىدە دەپ قاراپ، دىققەت قىلماق، ئاگاھ بولماق:
بىز ھەر ئېھتىمالغا قارشى، ئالدىمىزنى چوڭ قورام تاشلارنىڭ توسۇۋېلىش مۇمكىنلىكىنى نەزەردە تۇتۇشىمىز، تەييارلىنىپ قويۇشىمىز لازىم. قېتىپ، قويۇقلىشىپ مەلۇم شەكىل ۋە ھالەتكە كەلمەك.
قايماق تۇتماق. مۇز تۇتماق. ئاتماق، ياغدۇرماق:
ئوققا تۇتماق. پىلىموتقا تۇتماق. مەلۇم ھالەتتە ساقلىماق، يوشۇرماق.
بۇ سىرىمنى مەن سەندىن مەخپىي تۇتاتتىم. تاللىماق، تاللاپ ئالماق:
كېلەر قېتىم گىلەملەردىن بىرىنى تۇتقىن. شۇنى ئېلىپ قال. مەجبۇرىي ھالدا ئالماق.
ئۇنى ئەسكەرلىككە تۇتۇپ، ئالتايغا ئەكەتكەن. مەلۇم چېگرا، دائىرىنى شەكىللەندۈرمەك، قۇرماق:
تامنىڭ ئۇلىنى تۇتماق. خۇمداننىڭ تاۋىسىنى تۇتماق. ھويلىغا سۇپا تۇتماق. تارالماق، قاپلىماق، بىرئالماق.
ئاي كەينىدىن بالقىپ چىقتى چولپانمۇ، يېرىپ قويۇق بۇلۇتلارنىڭ باغرىنى. چاچراپ شامال تەگكەن ئوق كەبى، يەرۇكۆكنى تۇتتى ئاپئاق يانغىنى. يۇغۇرماق:
بالام، ماۋۇ چەكنى گۈھەرنىساخان ئاچاڭنىڭكىگە ئاپىرىپ بەرگىن، مەن باراي دېسەم، خېمىر تۇتۇپ قويۇپتىمەن، سەن كەلگىچە نېنىمنى يېقىۋالاي.