Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇتۇندى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۇتۇلدى، تۇتۇۋالدى؛ تۇتاشتى.
كۈن تۇتۇندى _ كۈن تۇتۇلدى. ئاي تۇتۇندى _ ئاي تۇتۇلدى. بەگ مەنى ئوغۇل تۇتۇندى _ بەگ مېنى ئوغۇل تۇتۇۋالدى، ئوغۇل قىلىۋالدى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق. ئەر كەيىك تۇتۇندى _ ئادەم (يالغۇز ئۆزى) كېيىك تۇتۇۋالدى. ھەرقانداق نەرسە ئۆزى يالغۇز بىر نەرسىنى تۇتۇۋالسىمۇ مۇشۇنداق دېيىلىدۇ. ئوت تۇتۇندى _ ئوت تۇتاشتى ( تۇتۇنۇر _ تۇتۇنماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئۈزىك ئوتى تۇتۇنۇپ
ئۆپكە يۈرەك قوغرۇلۇر
«ئىششىق ئوتى تۇتىشىپ،
ئۆپكە - يۈرەك قورۇلار (كۆيەر).»
مۇھەببەتنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دەيدۇ: ئىشىق ئوتى تۇتىشىش بىلەن يۈرەك ۋە ئۆپكە ھەم ئۇنىڭ ئۆپ - چۆرىسى كۆيۈپ قورۇلدى.
ئول ئاۋۇرتا تۇتۇندى _ ئۇ ئىنىگانا تۇتۇلدى (تۇتتى)، ئول مەنى ئۆتۈكچى تۇتۇندى _ ئۇ مېنى خانغا ئۆتۈنۈش قىلغۇچى (ئۆتۈنگۈچى) تۇتۇۋالدى، ئارىچى قىلدى. بۇنىڭ مەستىرىمۇ يۇقىرىقىدەك.
2 - 202