Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇتۇلماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<تۇتماق> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
كۆپ سۆزلىگەن تۇتۇلار، ئاز سۆزلىگەن قۇتۇلار (ماقال).
گەپتىن، سۆزدىن قالماق.
ماۋۇ بىر نېمەڭنىڭ زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالغانمىدى.
گەپ - سۆزدە ئېلىنىپ قالماق، جاۋاب بېرەلمەي قالماق؛ تەن ئالماق.
زەينەپ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىغا قالغاندا بىر ئاز تۇتۇلدى.
باشقا نەرسىلەر ياكى ئۇنىڭ سايىسى بىلەن قاراڭغۇلىشىپ قالماق.
ھاۋا يەنە تۇتۇلدى.
پەردىلەنمەك، كۆرەلمەس بولۇپ قالماق (كۆز ھەققىدە).
كۆزى تۇتۇلماق.
قىسىلماق.
گاھى يامغۇر، گاھى بەك ئىسسىق، تۇتۇلىدۇ كىشىنىڭ دىمى. لېكىن ئۇندا توختىمايدۇ ئىش، كۆتۈرۈلەر بىنانىڭ تېمى.
تۈرۈلمەك، سۈرلەشمەك، ئۆزگەرمەك.
دائىم خۇشخۇي يۈرىدىغان ئايالىمنىڭ بۈگۈن چىرايى تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم.
كېمەيمەك، پەسلىمەك، ئازايماق.
بۈگۈن ئۇنىڭ ئىشتىھاسىمۇ تۇتۇلدى، ئۇيقۇسىمۇ قاچتى.