Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇش
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
تەرەپ، ئەتراپ، تامان؛ ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل؛ تۇشمۇتۇشتىن؛ ھەر تەرەپتىن.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ھەمرا، تەڭتۇش يار؛ تامان، تەرەپ؛ روبرا، دۇچ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پايدا، ئۆسۈم؛ يىمىش، مېۋە؛ نەتىجە؛ مۇكاپات.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ئۇدۇل تەرەپ؛ تەڭ - باراۋەر، تەڭتۇش. مەسىلەن: تۇش - تۇشتىن چىقىپ كەلدى؛ تۇش كەلدىم. مەسىلەن:
قاشىڭ بىلەن كۆزۈڭگە،
ئاشنا بولدۇم ئۆزۈڭگە.
نەچچە يەردە تۇش بولدى،
ئېيتالمىدىم ئۆزۈڭگە.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تەڭ، تەڭتۇش.
ئانىڭ تۇشى _ ئۇنىڭ تەڭتۇشى.
3 - 172
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۇش، ئۇدۇل.
بىر نەرسىنىڭ تۇشى. ئەۋىم تۇشى _ ئۆيۈمنىڭ تۇشى، يەنى ئۆيۈمنىڭ ئۇدۇلى.
3 - 172
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
(تولدۇرۇپتەلەپپۇز قىلىنىدۇ). ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ياسالغان، كەمەر تاسمىسىنىڭ ئۇچىغا تاقىلىدىغان توقا.
3 - 173
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئوخشاش
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① ھەمراھ، قېرىنداش؛ ② ئۈلپەت، شېرىك
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تۇيۇقسىز، تاسادىپىي
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
باراۋەر، تەڭ.
تۇش قىلماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تامان، تەرەپ.