Uyghurئاساسىي لۇغەت
تۇسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<شەيخ تائىفەھ> دەپ ھۆرمەتلەندى. شىئە مەزھىپىدىكى مۇتەكەللىمۇن. ھەدىس توپلىغۇچى. تۇستا (ھازىرقى ئىران چېگرىسى ئىچىدە) دۇنياغا كەلگەن ھەمدە شۇ يەردە ئوقۇغان. 23 يېشىدا باغداتقا بېرىپ، شەيخ مۇفىد ۋە سەييىد مۇرتازانى ئۇستاز تۇتۇپ، فىقھە، ئەقىدە، تەپسىر ۋە ئىلمىي ھەدس جەھەتلەردە خىزمەت كۆرسەتكەن. ئۇستازلىرى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شىئە مەزھىپىدىكى مەشھۇر ئۆلىما بولۇپ، باغداتتا 300 دىن ئارتۇق شاگىرت تەربىيىلىدى. 1056 - يىلى سۈننىي، شىئە مەزھەپلىرىنىڭ توقۇنىشىدا ئۇنىڭ تۇرالغۇسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، شەخسىي كىتابخانىسى كۆيدۈرۈۋېتىلدى. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا نەجەفكە كۆچۈپ كەتتى. ئۇ يېزىپ چىققان <ئەل ئىستىبسار> ۋە <تەھزىب ئەل ئەھكام> شىئە مەزھىپى ھۆرمەت قىلىدىغان تۆت ھەدىس شېرىپنىڭ ئىككىسى بولۇپ ھېسالىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، <قۇرئان كەرىم> ئىزاھاتىغا تەپسىر يازدى. شىئە مەزھىپىنىڭ <كىتاب>، <كىشىلەر>، <ئۇلۇغ چىراغ> قاتارلىق ئەسەرلىرنى يېزىپ بەردى. كېيىن نەجەفتە ئالەمدىن ئۆتتى ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىندى.