Uyghurئاساسىي لۇغەت
تېتىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىر ئاز يەپ، ئىچىپ تەمىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈپ باقماق.
گاھ خوتۇنى ھۆسنەرىخان چىقىپ، قازانغا پىياز، تۇز سالاتتى، تۇزنى تېتىپ باقاتتى - دە، دەرھال ياناتتى.
مەلۇم تەم بىلىنمەك، ھېس قىلىنماق.
ھەسەلنى كۆپ يېسە، ئەمەن تېتىيدۇ (ماقال).
بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭغا ئۇماچ بىلەن زاغرىنىڭ تەمى قانداقراق تېتىيدىكىن؟
تەملىك، مەززىلىك ھېس قىلىنماق، يارىماق.
ئۇ كەچلىك تاماق ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئاشۇ سۆزلەرنى ئەسلىگىنىدە، مەززىلىك پۇراق چىچىپ تۇرغان پولۇ ئۇنىڭغا تېخىمۇ تېتىپ كەتتى.
كۆچمە. باشتىن كەچۈرۈپ ھۇزۇرىنى، راھىتىنى ياكى جاپا - مۇشەققىتىنى كۆرمەك، سنىماق.
ئاچچىق - تاتلىقنى تېتىغان بىلىدۇ، يىراق - يېقىننى يۈرگەن بىلىدۇ (ماقال).
كۆچمە. كۇپايە قىلماق، تەڭ كەلمەك، يەتمەك.
بىزنىڭ پالۋانلىرىمىز مۆرىتى كەلسە، يۈز چېرىككە تېتىيدۇ.