Uyghurئاساسىي لۇغەت
تېجىمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسراپ قىلماي، ئاياپ ئىشلەتمەك.
چۈشلۈكىدىن تېجىگەن، كەچلىكىدىن تويۇپ يەر. ئەمگەك بەختنىڭ ئوڭ قولى، تېجەش بولسا سول قولى. ئىقتىساد قىلىش _ باي بولۇشنىڭ شەرتى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئاياپ - ئاۋايلاپ ئىشلەتمەك، چىقىمنى ئازايتىپ، كىرىمنى كۆپەيتمەك.
ئىسراپ قىلماق، زايە قىلماق
بۇزۇپ - چېچىپ، ئورۇنسىز خەجلەپ، پۇل - مالنى يوقاتماق.
تىيىننى تېجىسەڭ، دوللار جۇغلىنار. ۋاقىتنى تېجەش - ئۆمۈرنى ئۇزاتىش. ئىسراپ قىلىش - كىشىنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلماسلىقتۇر. ۋاقىتنى زايا قىلىش - ئەڭ چوڭ ئىسراپچىلىق.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
باشقۇرماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
پۇل، ماددىي بايلىق ۋە ۋاقىت، كۈچ قاتارلىقلارنى رەتلىك، ئۆز جايىدا ئاياپ ئىشلەتمەك، ئىقتىساد قىلماق.
دۆلەت ئۈچۈن بىر پۇڭنىمۇ تېجەپ قېلىش ناھايىتى زۆرۈر.