Uyghurئاساسىي لۇغەت
تىرىشقاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىشقا قاتتىق بېرىلگەن، ئىشلەپ ھارمايدىغان.
ئىشچاننىڭ ئىچى پۇشماس. ئەقىل باشتا بولسا، ھەر ئىشچان كىشى، ئالدىرماي، ئويلىنىپ قىلىنار ئىشى. ئىشچان ئېشىنى يەر، ھۇرۇن بېشىنى، تىرىشقاق بالا دەرستە ئالدىدا ماڭىدۇ. تىرىشچان ئۆز ئەمەلىيىتىدە مۆجىزە يارىتىشى مۇمكىن. ئاشنى باداڭدىن سورا، ئىشنى كارداندىن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىشقا جان - دىلى بىلەن بېرىلگەن، تىرىشىپ ئىشلەيدىغان. ئىشچان يىگىت، تىرىشقاق قىز
ھۇرۇن، يالقاۋ، ئېرىنچەك
ئىش - ئەمگەك قىلىشنى خالىمايدىغان، ئىش - ئەمگەكتىن قاچىدىغان، ئىش - ئەمگەككە سۇسلۇق قىلىدىغان. ھۇرۇن يىگىت، ئېرىنچەك قىز
ئىشچان ئېشىنى يەر، ھۇرۇن بېشىنى يەر. تىرىشقانغا ۋاقىت يەتمەس، يالغاننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس. ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ، ھۇرۇندىن ئۇھ. ئېرىنچەك ئېغىرىنى كۆتۈرەر. ئېرىنچەك بىر ئىشنى ئىككى قىلار. ئېرىنچەككە بۇلۇتنىڭ سايىسىمۇ يۈك. تىرىشقاق تاشنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرار. ھۇرۇن قۇدۇق بېشىدىمۇ ئۇسساپ ئۆلەر. تىرىشچاندا تەر تولا، ئېرىنچەككە شۆلگەي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ھەرقانداق ئىشنى ئەستايىدىل، تىرىشىپ ئىشلەيدىغان، تىرىشچان.
بۇ بالا ئۆگىنىشتە ناھايىتى تىرىشقاق، كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگۈدەك دەرىجىدە ساغلام ئىدى.