Uyghurئاساسىي لۇغەت
تىرىشچانلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتكە قاتتىق بېرىلىشكە دائىر.
ئىشچانلىق - بېيىشنىڭ توغرا يولى. تىرىشچانلىق - بەختنىڭ ئانىسى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ئەمگەككە قاتتىق بېرىلىش خىسلىتى.
ھۇرۇنلۇق، يالقاۋلىق، ئېرىنچەكلىك
ئىش - ئەمگەكتىن قېچىش ئىللىتى.
ئىشچانلىق ئاشقا تارتىدۇ، ھۇرۇنلۇق باشقا. بىلىمسىزنىڭ تىرىشچانلىقى يورۇقى يوق ئوت بىلەن تەڭ. تىرىشقاقلىق تىنىم تاپقۇزمايدۇ. ھۇرۇنلۇق بىلەن ئاچكۆزلۈك بىر تۇغقان. ھۇرۇنلۇق ھەممە يامانلىقنىڭ ئاتىسى، ئەسكىلىكنىڭ يىلتىزى. يالقاۋلىق ياردىن غۇلىتىدۇ. ئېرىنچەكلىك - جىنايەت. تىرىشچانلىق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تىرىشچان كىشىلەرگە خاس ھەرىكەت ۋە غەيرەت.
شۇنچە تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلگىنىگە قارىماي، سانائەت - قاتناش ئىدارىسى پارتكومى رەيھانەمنى خىزمىتىدىن قالدۇرۇۋەتتى.