Uyghurئاساسىي لۇغەت
تېرىق
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، ئارپىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ،
يوپۇرمىقى يىپسىمان يوپۇرماق، باشىقى سۇس سېرىق بولۇپ، ئاقلىغاندىن كېيىن سېرىق دېنى چىقىدۇ. دېنى ئادەتتە سۆكتىن چوڭراق بولۇپ،
پىشۇرغاندىن كېيىن يېپىشقاق ھالەتكە كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ دېنى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە ئورىۋېلىپ، خاماندا تېپىپ دېنىنى ئايرىپ، شۇ پېتى ياكى ئۇن
تارتىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
سۈيدۈك ھەيدەش، بەدەننى قۇرۇتۇش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
تېرىق ئۇنىدا نان يېپىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازاندىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ.
تېرىق ئۇنىنى قايماق بىلەن يۇغۇرۇپ تاماق قىلىپ ئىستېمال قىلسا، بەدەننى قۇرۇتۇپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
تېرىق ئۇنىنى سۈت بىلەن يۇغۇرۇپ، تاماق قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىستىسقا ۋە ئىچى سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. باشقى سۇس سېرىق بولۇپ، ئاقلىغاندىن كېيىن سېرىق دېنى چىقىدۇ. ئۇ مۇھىم ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنى ئىشلەشكە ۋە ھاراق ئېچىتىشقا بولىدۇ.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ دېنى.