Uyghurئاساسىي لۇغەت
ترېنتو دىنىي يىغىنى
دۇنيا تارىخى
كاتولىك دىنىنىڭ ترېنتو (شىماىي ئىتالىيىدە) دا ئۆتكۈزگەن 19-قېتىملىق دىنىي يىغىنى. ۋاقتى 19 يىل داۋام قىلغان، گاھ ئۈزۈلۈپ، گاھ داۋام قىلىپ تۇرغان (1545 - 1547، 1551 - 1552، 1562 - 1563)؛ بۇ ئارىلىقتا يەە بولۇگنادا (شىمالىي ئىتالىيىدە) بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن (1547 - 1549). يىغىن دىن ئىسلاھاتى ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش، كاتولىك دىنىنىڭ ئورنىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان. ئىيېزوئىتلار يىغىنىدا مۇھىم رول ئوينىغان. يىغىن ماقۇللىغان مۇھىم قارارلار مۇنۇلار: بارلىق پروتېستانتلارنى بىدئەت دەپ جاكارلاش؛ كاتولىك چېركاۋىنىڭ ئەقدىلىرى ۋە رەسىم - قائىدىلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا، ئۇنىڭغا قاتتىق ئەمەل قىلىش شەرت؛ پاپا - چېركاۋنىڭ ئالىي نوپۇزى، ئۇنىڭ ئورنى دىنىي يىغىنىدىن ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك؛ <چەكلەنگەن كىتابلار مۇندەرىجىسى> نى تۇنجى قېتىم بېرىش، ئۇنى مۇرىتلارنىڭ ئوقۇشىنى مەنئىي قىلىش؛ تېنولوگىيە شۆيۈەنى قۇرۇپ، پوپلارنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش ۋە باشقىلار.