Uyghurئاساسىي لۇغەت
ترىلوگىيە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(گرېكچە tirilogia)
ئاپتورنىڭ بىر پۈتۈن پىلانى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ئۈچ پارچە دراماتىك ياكى پروزائىك (نەسىر) ئەسەر. مەسىلەن: ماكسىم گوركىنىڭ <بالىلىق چاغلىرىم>، <كىشىلەر ئارىسىدا>، <مېنىڭ دارىلفۇنلىرىم>؛ ئا. ن. تولستوينىڭ <سەرسانلىق - سەرگەردانلىقتا> (<ئىگىچە - سىڭىل>، <1819 - يىل>، <تاڭ قاراڭغۇسىدا>) قاتارلىقلار. بۇ ئەسەرلەر بىر - بىرىنى تېماتىك - غايىۋى جەھەتلەردىن تولۇقلىغۇچى سۈپىتىدە، شەرتلىك ھالدا ئەدەبىياتشۇناسلىقتا <ترىلوگىيە> دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
ئەدەبىيات
بىر - بىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمما ئۆز ئالدىغا تۇرغاندا مۇستەقىل بىر ئاساسىي ئىدىيىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ئۈچ توملۇق ئەسەر.