Uyghurئاساسىي لۇغەت
تېپىشماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
فولكورنىڭ بىر تۈرى؛ بىرەر نەرسىنىڭ بەلگىلىرىدىن بېشارەت بېرىپ، نېمە ئىكەنلىكى تېپىپ ئوينىلىدىغان ئويۇن. بەزەن تېگى ئېنىقلانمىغان مەسىلە مەنىسىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
تېپىشماق تاپماق _ زېھنىنى ئاچماق. بىر مەخلۇق كۆردۈم، ئەتىگەندە تۆت پۇتلۇق، چۈشتە ئىككى پۇتلۇق، كەچتە ئۈچ پۇتلۇق، ئۇ نېمە؟ . تاقماق تېپىشماققا ئوخشاش. يوگوسلاۋىيىدە ئەھۋالنىڭ ئاخىر قانداق بولۇشى تېخى بىر تېپىشماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<ئەد> خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ بىر تۈرى. ئۇنىڭدا تېپىلىشى لازىم بولغان نەرسە ياكى ھادىسىلەرنىڭ بەلگىلىرى ۋە ئوخشاتمىلىرىدىن ئىپادىلەنگەن سۈپەتلىنىشلىرى بېرىلىپ، ئۇنى چۈشىنىش ئارقىلىق شۇ نەرسىنى تېپىشقا ئۈندەيدىغان سوئال بېرىلىدۇ.
كۆچمە. چۈشىنىلىشى قىيىن بولغان، سىرلىق نەرسە، مەسىلە.
ئادىل ئۈچۈن بولسا، خەتتە يېزىلغان ۋەقەلەر تامامەن سىرلىق تېپىشماق بولۇپ قالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<تەپمەك> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
ئۇلار بىرلىكتە دەرس تەكرارلايتتى، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا مەيدانغا چىقىپ، بىرلىكتە پۇتبول تېپىشەتتى.
بىر - بىر بىلەن جېدەللەشمەك، ئۇرۇشماق، زىتلاشماق.
ئىككى ئات تېپىشسە، ئارىدا قالغان ئېشەك ئۆلەر (ماقال).
قارىغاندا، بۇ ئىككىيلەن خورازدەك تېپىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ.