Uyghurئاساسىي لۇغەت
تېپىرلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
پۇتلىرىنى سىلكىپ، ئۇ يان - بۇ يان چاپچىماق، چېپىشقا تەمشەلمەك (ئات، ئۇلاغلار ھەققىدە).
ئۆزىنى ئۇ ياق - بۇ ياققا ئۇرماق، پۇت - قوللىرىنى سىلكىمەك، تېپىچەكلىمەك.
قىز قاپقانغا چۈشكەن جانىۋاردەك تېپىرلىدى.
دۈپۈلدەپ قاتتىق سوقماق (يۈرەك ھەققىدە).
جەڭچىلەرنىڭ يۈرىكى ئادەتتىكىدىن باشقىچە تېپىشكە، تىت - تىت بولۇشقا، تېپىرلاشقا باشلىدى.
كۆچمە. ئىزدەنمەك، ھەرىكەت قىلماق.
ئۇ سېنى باغلىتىمەن، تۈرمىگە سولىتىۋېتىمەن دەپ، تېپىرلاپ يۈرىدۇ.