Uyghurئاساسىي لۇغەت
توقۇشتى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۇرۇشتى، توقۇنۇشتى. بەگلەر توقۇنۇشتى، ئۇرۇشتى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق ( توقىشۇر _ توقىشماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
كۈچى تەڭى توقىشتى
ئوغۇش قونۇم ئوقۇشتى
چەرىك تابا ياقىشتى
بىرگە قەلىپ ئۆچ ئۇتار
«كۈچى يەتكۈچە توقۇنۇشتى،
ئۇرۇق - جەمەتىنى چاقىرىشتى،
چېرىك تەرەپكە يېقىنلاشتى،
بىللە كېلىپ ئۆچ ئالار.»
بىر كىشى تەرىپلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: كۈچنىڭ بېرىچە ئۇرۇشتى، پۈتۈن ئۇرۇق - ئايمىقىنى چاقىرىپ، سەپكە يېقىنلىشىپ ئۇرۇشقا كىرىشتى، ھەممەيلەن توپلىنىپ كېلىپ ئۆچ ئالماقچى.
2 - 140