Uyghurئاساسىي لۇغەت
توقۇلما
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
توقۇلما ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىدە ئاساسلىق ئۇسۇل. ئاپتور رېئال تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىنى جانلىق، چىن، چوڭقۇر ئەكىس ئەتتۈرۈش ۋە ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھەمىشە توقۇلما ئۇسۇلىنى قوللىنىلىدۇ. يەنى: ئۆزى كۆزەتكەن، چۈشىنىش ھاسىل قىلغان ۋە ئىگەللىگەن مول تۇرمۇش ماتېرىيالىرىغا نىسبەتەن، توغرا دۇنيا قاراشنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەھلىل قىلىش، تاللاش، مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق ۋە ئاشۇ ئاساستا تەسەۋۋۇر قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق بەدىئىي ئوبراز ئىجاد قىلىدۇ.
توقۇلما ئارقىلىق ئېرىشىلگەن بەدىئىي چىنلىق تۇرمۇش چىنلىقىغا ئوخشىمايدۇ. ئەمما، بەدىئىي توقۇلما ئەينى ۋاقىتتا يەنە تۇرمۇش چىنلىقى ئاساسىدا بولىدۇ. يازغۇچىنىڭ توقۇلما ئارقىلىق ئىجاد قىلغان بەدىئىي ئوبرازلىرى رېئال تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي ئادەم ۋە ھەقىقىي ئىشلار بولمىسىمۇ، ئۇ رېئال تۇرمۇشنىڭ ئچىكى مەنتىقىسىگە ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم. ئۇ رېئال تۇرمۇشتىن ئۈستۈن بولۇشى، چىنلىقلىققا ۋە تەسىرلەندۈرۈش، قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇشى لازىم.
بىئولوگىيە
كۆپ ھۆجەيرىلىك ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر تېنىدىكى شەكلى، تۈزۈلۈشى ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى ئوخشاش بولغان ھۈجەيرىلەر توپىدىن تۈزۈلگەن ئاساسىي تۈزۈلۈش. توقۇلما ئىچىدە ھۈجەيرىدىن باشقا يەنە ھۈجەيرە تۈزۈلۈشى بولمىغان ماددىلار (ھۈجەيرە ئارىلىق ماددىلىرى) مۇ بولىدۇ. ھەر بىر توقۇلما بەلگىلىك فۇنكىسىيىنى ئورۇنلايدۇ. توقۇلمىنى تۈزگۈچى ھۈجەيرىلەرنىڭ شەكلى، خۇسۇسىيىتى ۋە فۇنكىسىيىسىنىڭ ئوخشىمالسىقىغا ھەمدە ھۈجەيرە تۈزۈلۈشى بولمىغان ماددىلارنىڭ مىقدارى ۋە تۈزۈلۈشىدىكى پەققە ئاساسەن، ھايۋانلارقۇرلمىسى تۆت چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، يەنى ئېپىتېلىيە توقۇلمىسى، قوشقۇچى توقۇلما، مۇسكۇل تەشكىل قىلىدىغان توقۇلمىلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، ئۇلار ئاساسلىق ئىقتىدارى ۋە شەكىل جەھەتتىكى تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بۆلۈنگۈچى توقۇلما، نېپىز پوستلۇق توقۇلما (ياكى ئاساسىي توقۇلما)، قوغدىغۇچى توقۇلما، توشۇغۇچى توقۇلما، مېخانىكىلىق توقۇلما ۋە ئاجرىتىپ چىقارغۇچى توقۇلمىلارغا بۆلۈنىدۇ كېيىنكى بەش خىل توقۇلما ئورگانلارنىڭ شەكىللىنىشى جەريانىدا بۆلۈنگۈچى توقۇلمىدىن ھاسىل بولغان ھۈجەيرىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ يېتىلگەن توقۇلما دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. توقۇپ، ئۆرۈپ ياسالغان؛ توقۇلغان.
ئى. گەزلىمە، گەزمال.
پاختا ۋە يىپەك توقۇلمىلار.
سۈپ. كۆچمە. يوق يەردىن ئويلاپ چىقىرىلغان، يالغان، ئويدۇرما.
پەن پاكىتقا ھۆرمەت قىلىدۇ، يالغان، توقۇلما گەپنى ئىلمىي تەلىماتنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى بولمايدۇ.
ئى <بىئول> ئورگانىزىمدىكى ئەزالارنى تەشكىل قىلغۇچى بىرلىك. ئۇ شەكلى ۋە فۇنكسىيىسى ئوخشاش بولغان نۇرغۇنلىغان ھۈجەيرىلەردىن مەلۇم شەكىلدە بىرىكىشىدىن تۈزۈلىدۇ، ئادەم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلار تېنىدە ئېپىتىل توقۇلمىسى، قوشقۇچى توقۇلما، مۇسكۇل توقۇلمىسى ۋە نېرۋا توقۇلمىسىدىن ئىبارەت تۆت خىل توقۇلما بولىدۇ.
ئى <ئەد> ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىدە، تۇرمۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئوبراز يارىتىش، مەركىزىي ئىدىيىنى گەۋدىلەندۈرۈش قاتارلىقلاردا قوللىنىلىدىغان بىر خىل مۇھىم بەدىئىي ئۇسۇل.