Uyghurئاساسىي لۇغەت
توقا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
شاخ _ شۇمبىدىن ياسالغان ئىلمەك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. كەمەر، پويزا، تۆشباغلارنىڭ ھالقىسى، جىرىمى.
بەتىنكىنىڭ توقىسى.* كەمەرنىڭ توقىسى.* تۆتباغنىڭ توقىسى.
2. تارازا، جىڭ قاتارلىقلارنىڭ ياغىچىنىڭ تاينىش نۇقتىسىدىن كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن تانا ياكى تاسما . باش توقا.* ئاياغ توقا.
شىۋىلەر
ئاقسۇ شىۋىسى
تارازىنىڭ تېشى.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
تاسما بەلباغنىڭ ئۇچىدىكى ھالقا.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<توغا> غا قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كەمەر، تۆشۋاغ ۋە ئاياغ كىيىم تاسمىلىرىنىڭ بىر ئۇچىنى ئۆتكۈزۈپ، زۆرۈر تېپىلغان يەردە توختىتىدىغان، تىللىق، يۇمىلاق ياكى تۆت بۇرجەك ھالقا؛ جىرىم.
بەتىنكىنىڭ توقىسى. كەمەرنىڭ توقىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
جىڭ، تارازا قاتارلىقلارنىڭ ياغىچىنىڭ تايىنىش نۇقتىسىدىن كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن يىپ ياكى تاسما.