Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
توماس ئاكۇنا
دۇنيا تارىخى
托马斯.阿奎那
tuō mǎ sī .ā kuí nà
(تەخمىنەن 1225 -1274) ياۋرۇپادىكى ئوتتۇرا ئەسرى تېنولوگى ۋە مەدرىس پەيلاسوپى، ئىتالىيىنىڭ نېئاپول شەھىرىنىڭ يېنىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئوردو دومىنكا نورۇمغا قاتناشقان. نېئاپول ۋە پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغان. كېيىن پارىژ، بولونىيە، رىم قاتارلىق جايلاردا ئىلاھىيەت ۋە پەلسەپەدىن دەرس ئۆتكەن.ئىلگىرى - كېيىن ئالېكساندر Ⅳ (1254 - 2611 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان)، ئۇربانۇس Ⅳ (1261 - 1264 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ۋە كلېمېنت Ⅳ (1265 - 1268 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) قاتارلىق ئۈچ پاپانىڭ ۋاتىكان تېنولوگىيە پروفېسسورى ۋە فرانسيە كورۇلى لۇئى Ⅸ نىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. مەدرىس پەلسەپىسى ئىچىدىكى چىنلىق نەزەرىيىسى تەرەپدارى. <تېنولوگىيە قامۇسى> ناملىق ئاساسلىق ئەسىرى بولۇپ، بۇ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى خرىستىئان دىنى ئىلاھىيىتى ئېنسىكلوپېدىيىسى ھېسابلىنىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا <ئارىستوتىل ئەسەرلىرىگە ئىزاھ>، <غەيرىي دىنلارغا قارشى تۇرۇش قامۇسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئالەمدىكى غەيرىي جانلىقلاردىن ئادەم، ئەۋلىيا، پەرىشتە ۋە خۇداغىچە بولغان ھەممە نەرسە تائىپە بويىچە تۆۋەندىن يۇقىرىغا رېتى بىلەن بېقىنىدۇ، ھەربىر تائىپە ئۆزىدىن يۇقىرى بولغان تائىپىنى ئىنتىلىش مەقسىتى قىلىدۇ، دېگەننى تەرغىپ قىلغان. پاپا خۇدانىڭ بۇ ئالەمدىكى ۋەكىلى، ئورنى دەھرى پادىشاھلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، فېئوداللىق تائىپىگە بۆلۈنۈشنى خۇدا ئورۇنلاشتۇرغان، دېگەنلەرنى تەرغىپ قىلغان. ئۆلگەندىن كېيىن، 1323 - يىلى پاپا تەرىپىدىن <ئەۋلىيا> دەپ نام بىرىلگەن. 1879 - يىلى پاپا لېئو ⅢⅩ (1878 - 1903 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) تەرىپىدىن كاتولىك دىنى پەلسەپىسىنىڭ ئەڭ ئالىي نوپۇزى دەپ قارالغان. ئۇنىڭ پەلسەپىسى ۋە ئىلاھىيەت سىستېمىسى كېيىن <توماسچىلىق> دەپ ئاتالغان.