Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
توماس
دائىرە: دۇنيا تارىخى托马
tuō mǎ
فرانسىيە سوتسىيال پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. پارىژ ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇغان. روسىيە، گېرمانىيە ۋە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى مەملىكەتلەرنى زىيارەت قىلغان. 1904 - يىلى <يومانتى گېزىتى> نىڭ مۇئاۋىن باش تەھرىرى بولغان. 1910 - يىلدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى پارلامېنتتىكى پارتىيە ئۆمىكىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوتسىيال شوۋىنىزمچىلار مەيدانىدا تۇرۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بۇرژۇئا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي قورال - ياراق ئىشلەپ چىقىرىشقا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى (1914 - 9151)، مىنىستىرى (1916 - 1917) بولغان. 1917- يىلى 4 - ئايدا ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ روسىيەگە بېرىپ، روسىيىنى جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن، 1920 - 1932 - يىللىرى دۆلەتلەر بىرلەشمىسى قارىمىقىدىكى خەلقئارالىق ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بولغان. <گېرمانىيە سىندىكالىزمى>، <ئىككنچى ئىمپېرىيە تارىخى، 1852 - 1870 - يىللار> دېگەن ئەسەرلىرى بار.
دائىرە: دىنى سۆزلۈكلەرخىرىستيان دىنى
低土马(多马)
dī tǔ mǎ (duō mǎ )
دائىرە: دىنى سۆزلۈكلەرخىرىستيان دىنى
多默(多马)
duō mò (duō mǎ )
دائىرە: دىنى سۆزلۈكلەرخىرىستيان دىنى
多马
duō mǎ
دائىرە: دىنى سۆزلۈكلەرخىرىستيان دىنى
底土马(多马)
dǐ tǔ mǎ (duō mǎ )
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى,تارىخ
托马斯
tuō mǎ sīDتارىخ
多默
duō mò
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.