Uyghurئاساسىي لۇغەت
توللۇند خارابىسى
دۇنيا تارىخى
دانىيە تورف قاتلىمى خارابىسى. دانىيىدىكى يوتلاندىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى ئارخۇسنىڭ غەربىدىن 30 كىلومېتىر نېرىسىدىكى توللوند دېگەن جايدا. 1950 - يىلى تۆمۈر قوراللار دەۋرىدىكى كىيىندۈرۈلگەن مۇكەممەل جەسەت تېپىۋېلىنغان. جەسەتنىڭ بوينىغا ئارغامچا سېلىنغان. قالپاق، كىيىم - كىچەك، پۇتلىرى ناھايىتى تولۇق ساقلىنىپ قالغان؛ ئاشقازىنىدىكى قالدۇق نەرسىلەر ئانالىز قىلىنىپ، شۇ چاغدىكى كىيىم - كىچەك، يېمەك - ئىچمەكنى چۈشىنىشتىكى مۇھىم كەشپىيات بولغان. شۇچاغدابۇ رايوندا ئۇرۇشتىن كېيىن دائىم نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈپ ئادەمنى كۆلچەككە تاشلايدىغان ئادەت بولغان. بۇ جەسەت تورف قاتلىمىغا كۆمۈلۈپ، ساقلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.