Uyghurئاساسىي لۇغەت
تولغىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىر تەرىپى، بىر بېشىدىن تۇتۇپ ئايلاندۇرماق، بۇرىماق.
ھېكايىنى باشلاشتىن ئاۋۋالقى سۆزۈمنى مۇشۇنداق باشلىۋىدىم، شوپۇرۇم قاقاقلاپ كۈلۈپ، رولنى تەتۈر تولغىۋەتكىلى تاس قالدى.
ئەشمەك، تۇتۇپ بىر تەرەپكە ئايلاندۇرماق، تولىماق.
ئۇماچ ئىچىپ چىش كولاپتۇ، مۇز يالاپ بۇرۇت تولغاپتۇ (ماقال).
ئۇ يان - بۇ يانغا ئېگىپ، ئايلاندۇرۇپ ھەرىكەتلەندۈرمەك.
نەغمە - ناۋا دېگەن بولۇپ تۇرغان، ئۇسسۇلچىلار بېلىنى تولغاپ ئويناپ تۇرغان.
مەلۇم بىر تەرەپكە ئايلاندۇرۇپ قاراتماق، چۆرىمەك.
دوختۇرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ لۇتپۇللا بىلەن بىللە كەلگەن ھېلىقى <زىيالىي> بوينىنى تولغىدى - دە، نېرى كەتتى.
كۆچمە. قاتتىق مۇجۇپ ئاغرىماق (قورساق ھەققىدە).
قورسىقىم پات ـ پاتلا تولغاپ ئاغرىپ قالاتتى.