Uyghurئاساسىي لۇغەت
توكيو
مەشھۇر شەھەرلەر
ياپونىيە پايتەختى توكيو كانتو تۈزلەڭلىكىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي جەنۇب تەرىپى توكيو قولتۇقىغا تۇتىشىدۇ. سىمىدا، ئارا - گاۋا قاتارلىق دەريالار ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپىدىلا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ، ئۇنىڭ قەدىمكى نامى »ئېدو«. ئېدو شەھىرى1457 - يىلى قۇرۇلغان،1868 - يىلى (مېيجىنىڭ1 - يىلى) ياپونىيە پايتەختىنى غەربىي قىسىمدىكى كىيوتودىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كەلگەن ھەم ئېدو دېگەن نامنى تەدرىجىي توكيوغا ئۆزگەرتكەن.1943 - يىلى مەمۇرىي باشقۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، توكيونى − توكيو - توغا ئۆزگەرتكەن. ياپونىيىنىڭ مەمۇرىي جەھەتتىكى »تو« سى مەملىكىتىمىزنىڭ بىۋاسىتە قاراشلىق شەھىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. توكيو - تونىڭ ئومۇمىي كۆلىمى2100 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ھازىرقى نوپۇسى11 مىليوندىن ئارتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر رايونىنىڭ نوپۇسى8 مىليوندىن ئاشىدۇ. توكيو قولتۇقىنى بويلاپ توكيودىن يوكوخاماغا قاراپ سوزۇلغان بەلۋاغ ياپونىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت رايونى − توكيو - يوكوخاما سانائەت رايونىدۇر؛ توكيودىن شەرققە قاراپ چىبا ناھىيىسىگىچە سوزۇلغان بەلۋاغ توكيو - چىبا سانائەت رايونىدۇر.
تارىختا توكيو ئىككى قېتىم زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.1923 - يىلى يۈز بەرگەن كانتودىكى چوڭ يەر تەۋرەشتە، ئېدو مەزگىلىدە سېلىنغان نۇرغۇن ئىمارەتلەر بىر كۈندىلا ۋەيران بولغان.2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغىغان بولغاچقا، توكيو ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك بومباردىمانغا ئۇچراپ، بىر پارچە خارابىلىككە ئايلانغان. بىراق، قىسقىغىنە30 -40 يىل ئىچىدە توكيودا يەنە ئېگىز ئىمارەتلەر سېلىنىپ، يەر ئاستى تۆمۈريول ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار ياسىلىپ، كوچىلىرىدا ئاپتوموبىللار قۇيرۇقى ئۈزۈلمەي قاتناۋاتقان، توكيونىڭ يېڭى قىياپىتى كىشىلەر كۆز ئالدىدا يەنە نامايان بولدى.
ياپونىيىنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسى كاسىمىگاسېكى ئەتراپىغا مەركەزلەشكەن.1968 - يىلى پۈتكەن توكيودىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئەڭ ئېگىز ئىمارەت كاسىمىگاسېكى سارىيى خۇددى توخۇ ئارىسىغا كىرىپ قالغان تۇرنىدەك گەۋدىلىنىپ، كۆزگە بەكمۇ چېلىقىپ تۇرىدۇ. شەھەر مەركىزىدىكى سېپىل خەندىكىنىڭ نېرىسىدا بىر پارچە قارىغايلىق بار، بۇ بۇرۇنقى ئېدو شەھەر رايونى بولۇپ، تېننو پادىشاھنىڭ ئوردىسى مۇشۇ يەرگە جايلاشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن بۇ يەرگە يەنە يېڭىدىن يەتتە ساراي سېلىنغان، سارايلارنىڭ ئۆگزىسىدىكى كاھىشلار يېشىل رەڭدە، تاملىرى ئاق رەڭدە بولۇپ، تۈۋرۈكلىرى قارامتۇل قوڭۇر مىستىن ياسالغان. شەھەر ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇقى5 .1 كىلومېتىر كېلىدىغان ئەڭ ئاۋات گىنزا كوچىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئالىي دەرىجىلىك سودا ساراي ۋە كونا پاسوندىكى مەشھۇر دۇكانلار قاتار جايلاشقان، ئاجايىپ - غارايىپ ئېلانلار ھەممىلا يەردە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. كېچىلىرى ھەممە يەردە ئالىيېشىل چىراغلار تاڭ ئاتقۇچە يېنىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇ داڭلىق »كېچە بولماس« شەھەردۇر.
توكيو دۇنيادىكى نوپۇسى ناھايىتى زىچ شەھەر بولۇپ، يەر تەۋرەش ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئېغىر بولغان بىر تەھدىت.20 - ئەسىرنىڭ70 - يىللىرىدىن بۇيان، شەھەر قۇرۇلۇشى ئېگىز ھاۋا بوشلۇقى ۋە يەر ئاستىغا قاراپ كېڭىيىپ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق بىر ستېرېئولۇق شەھەرگە ئايلاندى. كاسىمىگاسېكى، شىنجۇكۇ، ئىكېبۇكۇرو، شىبۇتانى قاتارلىق جايلاردا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرالايدىغان نۇرغۇن ئېگىز بىنالار سېلىندى. ئىكېبۇكۇرى رايونىدا »قۇياش نۇرى شەھەرچىسى« بەرپا قىلىندى. ئۇ يەردىكى ئاساسىي قۇرۇلۇش − ئېگىزلىكى240 مېتىر كېلىدىغان،60 قەۋەتلىك خىزمەت بىناسىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، توققۇز قەۋەتلىك خەلقئارالىق ئىمپورت مەركىزى،12 قەۋەتلىك مەدەنىيەت سارىيى ۋە37 قەۋەتلىك »قۇياش نۇرى شاھزادە مېھمانخانىسى« بار. بۇ تۆت ئېگىز ئىمارەتنى200 دىن ئارتۇق سودا دۇكىنى جايلاشقان كوچا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئارىسىدىكى باشقا بوشلۇقلار مەيدان ۋە باغچا قىلىنغان. »قۇياش نۇرى شەھەرچىسى« نىڭ ئىگىلەيدىغان يەر كۆلىمى تەخمىنەن60 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ، يەردىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە پايدىلىنىلغان بولغاچقا، ئىشلىتىش كۆلىمى600 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ »قۇياش نۇرى سارايلىرى« كۈچلۈك يەر تەۋرەش ۋە شامالغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، بارلىق ئەسلىھەلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئاپتوماتلاشقان بولۇپ، كىشىلەر بۇ يەردە كەم - كۈتىسىز كىچىك شەھەردە ياشاۋاتقاندەك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.
توكيونىڭ يەر ئاستى كوچىلىرى ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى »توكيو بېكىتى« يېنىدىكى يائېسى يەر ئاستى ماگىزىنى كوچىسىدۇر. پولات چىۋىقلىق بېتون قۇرۇلمىسىغا ئىگە بۇ ئۈچ قەۋەت چۆكمە ساندۇق شەكلىدىكى قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن140 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، خۇددى بىر ئاۋىئاماتكىنى يەر ئاستىغا كۆمۈپ قويغانغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ بىرىنچى قەۋىتى250 تىن ئارتۇق سودا دۇكىنى جايلاشقان كوچا؛ ئىككىنچى قەۋىتى كەڭ كەتكەن ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن ئىبارەت؛ ئۈچىنچى قەۋىتىگە ھاۋا تەڭشىگۈچ، سۇ ۋە توك بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلمىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر ئورنىتىلغان. بۇنداق يەر ئاستى كوچىسىدىن توكيودىلا20 نەچچە ئورۇندا بار.
نورۇز گۈلى ياپونىيىنىڭ دۆلەت گۈلى، ھەر يىلى4 - ئايدا توكيودىكى ئوئېنو باغچىسى ۋە چىدورىگافۇچى قاتارلىق جايلاردىكى نورۇز گۈلى ئېچىلغاندا ھەممە دەرەخ قىپقىزىل شەپەق نۇرىغا چۆمگەن بۇلۇتقا ئوخشاپ، بۇ زامانىۋى شەھەرگە تېخىمۇ چىرايلىق ھۆسن قوشىدۇ.
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ياپونىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، خەلقئارادىكى ئاتاقلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. بۇ شەھەر خونسىيو ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى توكيو قولتۇقىنىڭ شىمالىغا، دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ گۋەندۇڭ تۈزلەڭلىكىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ غەربتىن شەرققە بولغان ئۇزۇنلۇقى 90 كىلومېتر كېلىدۇ، شىمالدىن جەنۇبقا بولغان كەڭلىكى 25 كىلومېتر كېلىدۇ. توكيو دۆلەت بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون. ئۇ 23 رايون، 26 شەھەر، بىر خاس مەمۇرىي رايونى ھەم دېڭىزدىكى ئىرو قاتارلىق تاقىم ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر مەيدانى 2145.5 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، شەھەر ئاھالىسى 9 مىليون 42 مىڭ 600 يۈزدىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭغا شەھەر رايونىنىڭ ئاھالىسىنى قوشقاندا 11 مىليون 822 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). توكيودا يازلىقى ھاۋا ئىسسىق، كۆپ يامغۇرلۇق، قىشلىقى سوغۇقراق، قۇرغاق بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 14℃، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1500 مىللىمېتردىن ئاشىدۇ. توكيو 1457 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ئېرو (چاڭفۇ) دەپ ئاتالغان. 1868 - يىلىدىكى مىڭجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىدىن كېيىن توكيو (دۇڭجىڭ) دە ئاتالغان. 1869 - يىلى ياپونىيىنىڭ پايتەختى بولغان. شەھەرنى غەربتىكى كىئوتو (جىڭدۇ) شەھىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن توكيو دەپ نام بەرگەن. توكيو 1943 - يىلى توكيو مەمۇرىي مەھكىمىسى (دۇڭجىڭ دۇ) بولۇپ قۇرۇلغان. بۇ شەھەر 1923 - يىلدىكى قاتتىق يەر تەۋرەشكە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ ۋەيران بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن تېزلىكتە قۇرۇلۇپ ياپونىيە بويىچلا ئەمەس، دۇنيا بويىچىمۇ ئاتاقلىق زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ھازىر ياپونىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئومۇملاشقان سانائەت مەركىزى. ئۇنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى دۆلەتتىكى چوڭ شەھەرلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. بۇ جايغا پۈتۈن دۆلەتتىكى 760 مىڭ چوڭ مالىيە كارخانىسىنىڭ %23، كاپىتالى 5 مىليارد ياپونىيە پۇلىدىن ئارتۇق بولغان چوڭ شىركەتلەرنىڭ 90% توپلانغان. توكيو سانائەت رايونى كېڭىيىپ ئەتراپىدىكى ئىئوكوگاما (خىڭ بىڭ)، تىبا (چەنيې) قاتارلىق سانائەت رايونىنى تەشكىل قىلىدۇ. توكيو سانائىتىدە پولات - تۆمۈر، كېمىسازلىق، نەشرىياتچىلىق، باسمىچىلىق، ماشىنىسازلىق، خىمىيە - سانائەت، ئېلېكتر ماشىنىلىرى سانائىتى، سۈنئىي تالا، نېفىت ئايرىش، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلەر ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. توكيو ياپونىيىنىڭ قاتناش ترانسپورتى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان شەھىرى، شەھەردە چوڭ تىپتىكى خەلقئارا ئايرودرومى، يۇقىرى سۈرئەتلىك، ئېگىز جازىلىق تۆمۈريوللار بار، تاشيول لىنىيىلىرى ناھايىتى كۆپ، پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە قاتنايدىغان چوڭ - كىچىك ئاپتوموبىللار 3 مىليوندىن ئاشىدۇ. شەھەرنىڭ ھاۋا قۇرۇقلۇق، سۇ قاتنىشىلا تەرەققىي قىلىپ قالماستىن، ئۇنىڭ يەر ئاستى قاتناش ترانسپورتى، يەر ئاستى شەھەر قۇرۇلۇشىمۇ تەرەققىي قىلغان. توكيونىڭ بىرىنچى تارماق يەر ئاستى تۆمۈريولى 1939 - يىلى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى پۈتۈن ئىشقا چۈشكەن. ھازىر (1984) ئۇنىڭ 13 تارماق يەر ئاستى تۆمۈر يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 203.6 كىلومېتر كېلىدۇ. يەر ئاستى تۆمۈر يولىدا بىر كۈندە قاتنايدىغان كىشىلەر 10 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ يەر ئاستىدا ئۈچ قەۋەت يەر ئاستى كوچىسى، 350 تىن ئوشۇق ھەرخىل يەر ئاستى ماگىزىنلىرى، كىتابخانا، ساتىراشخانا، چايخانا، ھاۋا تەڭشەش ئۈسكۈنلىرى، ماشىنا توختاش ئورۇنلىرى بار بولۇپ، كۈنىگە بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشى يەر ئاستىدا پائالىيەت قىلالايدۇ. توكيو پورتى ياپونىيە بويىچە 4 - چوڭ پورت بولۇپ، يىلىغا 40 مىليون توننا يۈكنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئۇ جايدا توكيو داشۆسى قاتارلىق 100 دىن ئوشۇق ئالىي بىلىم يۇرتى بۈر، ئۇلار پۈتۈن دۆلەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ %30 نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ جايدا يەنە باشقا مەدەنىيەت ئورۇنلىرى توپلانغان، بۇ جايدىكى نەشرىيات ئورۇنلىرى پۈتۈن دۆلەتتىكى نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ %80 نى ئىگىلەيدۇ. توكيودا يەنە كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولغان كۇتۇپخانا، دۆلەتلىك مۇزېيخانا، غەربىي تىنچ ئوكيان گۈزەل سەنئەت سارىيى، ياۋايى ھاۋاناتلار باغچىسى قاتارلىق ئورۇنلار بار. شەھەردە يەنە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، خان سارايلىرى، چوڭ بانكىلار، چوڭ ھەم ھەشەمەتلىك مېھمانخانىلار، ئاتاقلىق سودا رايونلىرى، مەشھۇر ساياھەت ھەم دەم ئېلىش ئورۇنلىرى بار.