Uyghurئاساسىي لۇغەت
توڭا
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
باتۇر، قەھرىمان، ئالىپ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەقىلىي - جىسمانىي جەھەتتىن تولۇق يېتىلگەن، خەۋپ - خەتەر، ئۆلۈم - يېتىم، قىيىنپىلىق - ئېغىرچىلىقتىن قورقمايدىغان شەخس.
خەلق باتۇرى. بارغا باتۇر. باتۇر بولسا بالىسى، يايراپ كېتەر ئانىسى. كۈرەش قەھرىمانى. ئەمگەك قەھرىمانى ئۆزبۇرچىنى ئورۇنلاۋاتقاندا جېنىنى ئايىمىغان ئادەم ھەقىقىي قەھرىمان. قەيسەر قارىغاي سوغۇققا پىسەنت قىلمايدۇ. ئازابنى تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور كېلىشمەسلىك دەپ قارايدىغانلار جەسۇر بولالمايدۇ. جەسۇر ئادەم ئۆز ھېسىياتىغا قۇل بولمايدۇ. مەردنى مەيداندا كۆر. غەيۇر يىگىت زوراۋاندىن قورقمايدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قاپلان جىنسىدىن بىر ھايۋان، ئۇ پىلنىڭ كۈشەندىسى. بۇ سۆزنىڭ ئاساسىي مەنىسى مۇشۇ. لېكىن بۇ سۆز تۈركلەردە ئەسلى مەنىسىنى يوقاتقان بولسىمۇ ئىسىم ھالىتىدە ساقلانماقتا. بۇ سۆز كۆپىنچە ئادەملەرگە لەقەم بولۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن: « توڭا خان _ توڭا خان»، « توڭا تېگىن _ توڭا تېگىن» قاتارلىقلار. تۈركلەرنىڭ ئۇلۇغ خاقانى ئافراسىياپ « تاڭا ئالپ ئەر» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ «قاپلانغا ئوخشاش كۈچلۈك، باتۇر ئادەم» دېمەكتۇر.
3 - 502
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
باتۇر، قەھرىمان
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
مەرتىۋە، دەرىجە
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
قاپلان جىنسىدىن بىر ھايۋان