Uyghurئاساسىي لۇغەت
تىكمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر _ بىردىن ئايرىم نەرسىنى ياكى يىرتىلىپ، ئايرىلىپ كەتكەن نەرسىنى يىڭنە يىپ بىلەن قوشماق ۋە پۈتۈنلىمەك.
« تەپچىمەك »،« كۆكلىمەك » ئاراچ قالدۇرۇپ شالاڭ _ شالاڭ تىكىشنى، « شىرىماق » يول _ يول چىقىرىپ تىكىشنى كۆرسىتىدۇ.
شاكىچىك تىككەن توقۇمنىڭ ئالدى _ كەينىنىڭ پەرقى يوق. كىيىم تىكسەڭ، ئۆلچەپ تىك. چاپاننى تەپچىۋېلىپ، ئاندىن تىكسەڭ، تۈز چىقىدۇ. كۆكلىگەن يەر كۆرۈنمەيدۇ. يوتقان شىرىش بىر ھۈنەر.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تىكىلمەك، تۇرغۇزماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
سانجىپ، تىقىپ ئورۇنلاشتۇرماق، قادىماق، ئورناتماق.
كۆچەت تىكمەك.
قۇرماق، تىكلىمەك، بىنا قىلماق.
چېدىر تىكمەك.
يىپ - يىڭنە ۋە ماشىنا قاتارلىقلار بىلەن تۆنەپ، تەپچىپ بىر - بىرىگە ھىم جىپسىلاشتۇرماق.
تاغارنىڭ ئاغزىنى تىكمەك. كىيىم تىكمەك.
قىمار ۋە قىمار خاراكتېرلىق ئويۇنلاردا، ئۆز ئۈلۈشى قىلىپ پۇل ياكى باشقا نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماق.
قمارغا پۇل تىكمەك.
كۆچمە. بىرەر كىشى ياكى نەرسە ئۈچۈن بېغىشلىماق، پىدا قىلماق.
جېنىنى تىكمەك.
مەلۇم نۇقتىغا جىددىي قارىماق.
ياسىن سۇناي ئۇزۇن قاشلىرى ئاستىدىكى نۇرسىز كۆزلىرىنى ئاللىقاياقلارغا غەزەپ بىلەن تىكتى.
تىكلىمەك، كۆتۈرمەك.
موزاي قۇيرۇقىنى تىكىپ قاچتى.