Uyghurئاساسىي لۇغەت
تىكلىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تۆۋەندىن يۇقىرىغا قارىتىپ تۈز، تىك ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرماق؛ تىك قىلماق.
بايراق تىكلىمەك.
يىقىلغان، بۇزۇلغان خاراب بولغان نەرسىلەرنى ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرمەك؛ تۇرغۇزماق.
ئۇ كونا تۈزۈمنى تىكلەشنى ئويلايتتى.
كۆچمە. بەرپا قىلماق، قۇرماق، تۇرغۇزماق.
بىزنىڭ مەنپەئىتىمىزنى قوغدايدىغان قانۇننى تىكلەيمىز.
مەلۇم ئورۇن، مەرتىۋىگە ئورۇنلاشتۇرماق، بەلگىلىمەك.
سىلەر ئىشىنىپ، مېنى يېزا باشلىقى قىلىپ تىكلىدىڭلار، ئەلۋەتتە مەنمۇ سىلەرنىڭ مېنىڭ خىزمىتىمگە يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن.