Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەرجىمە ھەرىكىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەرەبلەرنىڭ قەدىمكى كىتابلارنى تەرجىمە قىلىش ۋە ئىزاھلاش پائالىيىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئەرەبلەر گرېك، رىم، پارس، ھىندى قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ پەلسەپە، مېدىتسىنا، تەبىئىي پەن ۋە ئەدەبىيات ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشنى باشلىدى. بۇ ئىش 300 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرۇلدى. ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا ئارام يېزىقى (قەدىمى سۈرىيە يېزىقى) غا تەرجىمە قىلىنغان گرېك ۋە كوپت يېزىقىدىكى زەرگەرلىك ۋە مېدىتسىنا كىتابلىرى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىندى. ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا خەلىپە تەربىيىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلىم - پەننى مۇكاپاتلاپ، پەن ۋە تەرجىمە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. سامانىيلار سۇلالىسىنىڭ مۇھىم تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ياكى بۇرۇن ئارام يېزىقىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرنى قايتىدىن ياكى بىۋاستە ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلدۇردى. مەسلەن، پرسىيىلىك مەشۇر تەرجىمان ئىبنى مۇقەففەئ (724 - 759) پارسچە ئەدەبىي ئەسەر - <كەلىلە ۋە دەمىنە> نى ھەم تارىخىي ئەسەر - <پرسىيە پادىشاھلىرى تارىخى> نى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلدى. مەشھۇر تەرجىمان جۇرجىس باقتىشۇ (؟ - 771)، بەختىشۇ جۇرجىس (؟ - 801)، ھەججاج بىننى يۈسۈپ مەتەر (786 - 833)، ئەبۇ يەھيا (796 - 806 - يىللىرى ئارىسىدا ۋاپات بولغان) قاتارلىق كىشىلەر گرېم، ھىپىگراتلارنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىنى، تولىمنىڭ <تۆت توپلىمى> نى، <ئاسترونومىيە توپلاملىرى> نى ۋە ئەپلاتون، ئارىستوتېل قاتارلىق زاتلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلدى. 770 - يىلىدىن 771 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ھىندىستاننىڭ ئاسترونومىيىگە دائىر ئىلمىي ماقالىلىرىدىن <سىددانتا> ۋە <مىڭبىر كېچە> دىكى بىر قىسىم ھېكايىلەر پارسچىدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىندى. ھارون رەشىد باغدات دوختۇرخانىسى قۇرۇپ، پادىشاھنىڭ تىۋىپى، تەرجىمانى جىبرىل ئىبنى بەقتىشۇ (؟ - 830) نى دوختۇرخانا باشلىقى قىلىپ تەيىنلىدى. مەئمۇن دەۋرىدە باغداتتا بەيتۇل ھېكمەت قۇرۇلۇپ، گرېكچە كلاسسىك ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىشقا كۈچ ئۇيۇشتۇرۇلدى. بەيتۇل ھېكمەتنىڭ مەسئۇلى ھۇنەين بىننى ئىسھاق (803 - 873)، ئوغلى ئىسھاق بىننى ھۇنەين ۋە جىيەنى ھۇبايش بىننى ھەسەن، شاگىرتى ئىيسا بىننى يەھيا قاتارلىق كىشىلەر ئاساسلىق تەرجىمانلار ئىدى. گرىتسىيە، پرسىيە، ھىندىستان قاتارلىق قەدىمكى مەدەنىي ئەللەرنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئەرەبلەر تەرجىمە قىلىپ، قوبۇل قىلىپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىگە خاس ئەرەب - ئىسلام مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈردى ھەمدە ئىسپانىيىمۇ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ تەرجىمە ھەرىكىتىگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى. 1430 - يىلى تولېدو قۇرغان تەرجىمە يۇرتۇ نۇرغۇن ئەرەبچە ئەسەرلەرنى لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا تۆھپە قوشتى.