Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەپتىش ئەمەلدارى
دۇنيا تارىخى
لاتىنچىسى <Censor> سېنزور بولۇپ، <باھالىغۇچى> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. قەدىمكى رىمنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى. جۇمھۇرىيەتتىن بۇرۇنقى دەۋردە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا) تەسىس قىلىنغان. دەسلەپتە نوپۇسنى باشقۇرغان، پۇقرالارنىڭ مال - مۈلۈكىنى باھالىغان ۋە ئۇلارنىڭ تەۋەلىك دەرىجىسىنى بەلگىلىگەن. كېيىن دۆلەت مالىيەسىنى باشقۇرۇشقا، تەرتىپ - ئىنتىزامغا نازارەتچىلىك قىلىشقا قاتناشقان ھەمدە سېنات ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى تەكشۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان؛ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقمىغان سېنات ئەزالىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ھەر قېتىمقى سېنتورىيە يىغىنى (يۈز كىشىلىك چوڭ يىغىن) دا ئىككى كىشى سايلانغان، ۋەكالەت مۇددىتى بەش يىل، ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان ۋاقتى 18 ئاي بولغان، سايلانغۇچىلارنىڭ تولىسى ئابرويلۇق ئاقسۆڭەكلەردىن بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاددىي پۇقرالارمۇ تەيىنلىنىدىغان بولغان. ئىمپېرىيە تۈزۈمىى ئورنىتىلغاندىن كېيىن (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا) ئۆز رولىنى يوقاتقان.