Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەپ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
قىزىتما، بەزگەك قاتارلىق كېسەللىك .
ئۇ تەپ بولۇپ قاپتۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
( تەپ تارتماق ) قورقۇنچ، قىيىنچىلىق ھېس قىلماق.
ئۇ دادىسىدىن تەپ تارتىدۇ.* ھاشىم ھېچ تەپ تارتماستىن ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلىدى.
كىمكى دۇچ كەلگەندە خەۋپ _ خەتەر،
تەپ تارتمىسا شۇ جاھاندا مۆتىۋەر.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تەپمەك، تېپىش. 1 . پۇت بىلەن زەربە بەرمەك.
تەپسە تەۋرىمەس.* ئېشىنى يەپ، تاۋىقىنى تېپىپتۇ ( ماقال ).* ئاتنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ ( ماقال ).* ئاتنى تەپمەيدۇ دېمە، ئىتنى چىشلىمەيدۇ دېمە ( ماقال ).
2 . پۇت بىلەن ھەرىكەتلىندۈرمەك. تەپكۈچ تەپمەك.* توپ تەپمەك.* تەپكىنى تەپمەك.
3 . پۇت بىلەن دەسسەپ، داننى شاكىلىدىن ، پوستىدىن ئايرىماق. خامان تەپمەك.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
= تەب.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<تەپ تەگىرمى> گە قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئادەملەردە بولىدىغان تۈرلۈك قىزىتمىلارنىڭ ئومۇمىي نامى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<تارتماق> ياردەمچى پېئىلى بىلەن كېلىپ، <بىر كىمنىڭ ئالدىدا بىرەر ئىش ياكى بىرەر گەپ - سۆز قىلىشتىن تارتىنماق؛ ئەيمەنمەك؛ قورقماق> مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ.
بىلالىدىن ئاخۇنۇم مەقسىتىنى يالىڭاچلا ئوتتۇرىغا قويۇشتىن تەپ تارتىپ قالدى.