Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەپسىر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر كىتاب - ئەسەرنىڭ مەزمۇنى، ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈش.
«زىددىيەت توغرىسىدا مىڭ شەرھى» يېقىندا قايتا نەشىر قىلىنىدىكەن. قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە بىر نەچچە خىل تەپسىرى بار.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <شەرھلەش>، <چۈشەندۈرۈش> دېگەنلىك بولىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دىكى سۈرە - ئايەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئوقۇلۇشى، گرامماتىكىسى، ئىستىلىستىكىسى، ئاتالغۇلىرى، ئەقىدىسى، ھۆكۈملىرى، تارىخىي ۋەقەلىرى، تەمسىللىرى، رىۋايەتلىرى قاتارلىقلارغا دائىر مەزمۇنلار چۈشەندۈرۈلگەن ئەسەرلەر (جۈملىدىن ئاغزاكى چۈشەندۈرۈشلەر) كۆزدە تۇتۇلىدۇ. تەپسىر مۇنداق ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ: تارقىلىپ يۈرگەن تەپسىر، يەنى ساھابىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرىگە ئاساسلانغان تەپسىر؛ چۈشەنچە تەپسىرى، يەنى مۇفەسسىرلەرنىڭ سۈرە - ئايەتلىرىنى چۈشىنىشىگە ئاساسەن قىلغان تەپسىرى؛ ئىشارەت تەپسىرى، يەنى <قۇرئان كەرىم> نى خېلى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان ياكى مەخسۇس ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغان تەسەۋۋۇپچى ئۆلىمالارنىڭ تەسەۋۋۇپچىلىق ئىدىيە ۋە مەقسەت بىلەن قىلغان تەپسىرى. يەنە بەزىلەر يەھۇدىي دىنى، خرىستىئان دىنىدىكى ئەپسانە، رىۋايەتلەرگە ئاساسەن تەپسىر قىلدى. <تەپسىر تەبەرى>، <تەپسىر راجى>، <تەپسىر بەيزاۋى>، <تەپسىر ئىبنى كەسىر>، جالالىددىن مەھەللى بىلەن جالالىددىن سۆيۈكى بىرلىشىپ يازغان <تەپسىر جالالەيىن> قاتارلىق سۈننىي مەزھىپىنىڭ مەشھۇر تەپسىرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. <كەششاف> مۇئتەزىلىيەلەرنىڭ داڭلىق تەپسىرى ھېسابلىنىدۇ. ھەسەن بىننى ئەلى ھادى تۈزگەن <تەپسىر ئەسكەرى>، تەبەتەبەئى يازغان <ئەل مىزان فى تەپسىرىل قۇرئان> شىئە مەزھىپىنىڭ مەشھۇر تەپسىرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۇستارى تۈزگەن <تەپسىر>، تۈرك ئۆلىماسى ئىسمائىل ھاجى تۈزگەن <دەرۇھۇل بەيان>، ئىراقلىق ئۆلىما ئەرۇش تۈزگەن <رۇھۇل مەئانى>، ھىندىستانلىق ئۆلىما ھۈسەين كاشىف قاتارلىقلار بىرلىشىپ تۈزگەن پارس تىلىدىكى <تەپسىر ھۈسەين> تەسەۋۋۇچىلىق ئىدىيىسىگە مەنسۇپ تەپسىرلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رەشىد رىزا بىلەن تەنتەۋى جەۋائىر (مۇھەممەد ئابدۇنىڭ ئىككى شاگىرتى) يازغان <تەپسىر ئەل مەنارە> ۋە <ئەل جەۋاھىر فى تەپسىر ئەل قۇرئان> يېقىنقى زاماندىكى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە تەپسىرلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تارقالغان تەپسىر كىتابلار كۆپەيدى. ئېيتىلىشچە، ترىپولى كىتابخانىسىدا ساقلانغان تەپسىر كىتابلىرى 20 مىڭدىن كەم ئەمەسكەن. جۇڭگودا ۋاڭ جىڭزەي <قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى ۋە شەرھى>، تۇڭ داۋجاڭ <قۇرئان كەرىمنىڭ خەنزۇچە - ئەرەبچە سېلىشتۇرۇپ تەپسىلىي شەرھلىگەن تەرجىمە نۇسخىسى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەنىسىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش؛ ئىزاھ، شەرھ.
تارس. قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ مەنىلىرى چۈشەندۈرۈلگەن كىتاب ۋە چۈشەندۈرۈش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلغان ئىلىم.
ئۇ ئىمامنىڭ تەپسىرىگە مەھلىيا بولۇپ، خېلىغىچە جىمجىت ئولتۇردى