Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەگدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تەگدى، يەتتى.
ئول ئەۋگە تەگدى _ ئۇ ئۆيگە يەتتى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق ( تەگىر _ تەگمەك). ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئېۋەك ئەۋگە تەگمەس _ ئالدىرىغان ئۆيگە يېتەلمەس. چۈنكى، ئۇ ئالدىراپ چاپتۇرغانلىقتىن ئۇلىقى ھېرىپ كاردۇن چىقىدۇ _ دە، ئۇلاقسىز ئارماندا قالىدۇ. بۇ ماقال كىشىلەرنى ئىشلاردا ئالدىراقسان بولماي، تەمكىن بولۇشقا ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئاتغالىر ئوقنى ئازاق
تەگمەدى بۇ ساۋ ئۇشاق
«ئازما ئوق ئاتماقچى بولدى،
بۇ ئۇششاق سۆزلەر (ماڭا) تەگمىدى.»
بىر ئويناق خوتۇن ماڭا ئېزىتقۇ ئوقىنى ئېتىۋېدى، ئۇ پىتنە سۆزلەر ماڭا تەگمىدى.
2 - 25